دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى: «گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى كونكرېت تەدبىر قوللىنىشى لازىم»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 28-نويابىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن كونكرېت تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.

22-نويابىر كۈنى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كۆرسىتىشىچە، دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت بابىدا، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن دىنىي ئەركىنلىكنى قاتتىق چەكلىگەنلىكى، كىشىلىك ھوقۇقنى كەڭ كۆلەمدە دەپسەندە قىلىنغانلىقى، لاگېرلارغا سولانغان كىشىلەرنىڭ ئۇ يەردە مېڭە يۇيۇش، قېيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقى، مەسچىتلەرنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقى» دەك ئەھۋاللار تىلغا ئېلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتىدا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دوكلاتىنى قارشى ئېلىش بىلەن بىرگە، ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋەزىيەتكە قارىتا كونكرېت تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باياناتىدا، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە ئېتىقادى ۋە مىللىتى سەۋەبىدىن زىيانكەشلىك قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۆزى بېكىتىپ چىققان خىتاي ئىستراتېگىيەسى بويىچە چوقۇم كونكرېت تەدبىر قوللىنىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك» دەپ ئەسكەرتكەن.