گېرمانىيە باش منىستىرى ئولاف شولز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى تەنقىدلىگەن

گېرمانىيە باش منىستىرى ئولاف شولز (Olaf Scholz) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جانلىق پاكىتى بولغان «شىنجاڭ ساقچى ئارخىپى» غا ئىنكاس قايتۇرغان.

گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدىن «SPIEGEL Politik» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئولاف شولز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنى تەنقىدلەپ «دۇنيا شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقاندەك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرگەندە سەل قارىماسلىقى كېرەك» دېگەن.

ئۇ بۇ سۆزلەرنى داۋۇستا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىدە قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ داۋۇستا تىلغا ئېلىنىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

ئولاف شولز يىغىندىكى سۆزىدە خىتاينىڭ دۇنيادىكى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، خىتاينى چوقۇم كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە قائىدە-قانۇن ئاساسىدىكى دۇنيا تەرتىپىگە سىڭدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن.

رويـتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە باش مىنسىتىرى شولزدىن باشقا يەنە گېرمانىيەنىڭ ئىقتىساد مىنىستىرى روبېرت خابېك (Robert Habeck) مۇ ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرگە ئىنكاس قايتۇرغان. ئۇ 24-ماي كۈنى قىلغان سۆزىدە «گېرمانىيە خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، بىز ئەمدى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىمىز» دېگەن.

خابېك باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «گەرچە خىتاي ئاساسلىق سودا شېرىكى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش قاتارلىق ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىلەردە چاتىقى بارلىقى ئۇزۇندىن بېرى مەلۇم».

خابېك يەنە مۇنداق دېگەن: «گېرمانىيە بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ خىللاشتۇرۇشقا مېڭىپ، خىتايغا تايىنىشچانلىقنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە خىتايغا مەبلەغ سالماقچى بولغان گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى تۈگىتىشىنى يېقىندىن تەكشۈرىدۇ».

«شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ئاشكارىلانغاندىن كېيىن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرى ئاننالېنا بايېربوك (Annalena Baerbock) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ سەل قارايدىغان ئىش ئەمەس، سۈكۈت قىلىدىغان ئىش ئەمەس» دېگەن ھەمدە شۇ كۈنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن تور ئارقىلىق كۆرۈشكەندە، ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە سوئال سورىغانىدى.

رويتېرسنىڭ ئېيتىشىچە، گېرمانىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقىدىن بىلدۈرگەن بۇ ئىپادىلىرى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا تۇتقان سىياسىتىنىڭ ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتتىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن.