دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 28-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، گېرمانىيەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئىرقىي قىغىنچىلىقى» غا قارشى ئاۋازىنى يۈكسەلتىشكە چاقىردى. د ئۇ ق نىڭ مەزكۇر باياناتى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى ھارپىسىدا ئېلان قىلىنغان. باياناتتا تەتكىلىنىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋاڭ يىنىڭ زىيارىتىدىن پايدىلىنىپ، «ئۇيغۇر كرىزىسىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك» ئىكەن.
گېرمانىيە ۋاڭ يىنىڭ 25-ئاۋغۇستتىن باشلانغان 6 كۈنلۈك ياۋروپا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى. بۈگۈن فىرانسىيە زىيارىتىنى باشلىغان ۋاڭ يى ئۆزىنىڭ ئىتالىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيەدىكى زىيارەتلىرىدە ئۇيغۇر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغانىدى. د ئۇ ق نىڭ باياناتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىلمىشى ب د ت ئەھدىنامىسىنىڭ ئىقرىي قىرغىنچىلىق تەبىرلىرىگە چۈشىدىغانلىقى، «بۇنداق دەھشەتلىك ۋەھشىلىككە گېرمانىيە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ۋە بىردەك ئىنكاس بىلدۈرۈشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى»، «بۇنىڭ چوقۇم كوللېكتىپ ۋىجداننى چۆچىتىپ، جىددىي ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەكلىكى» تەكىتلەنگەن.
گېرمانىيە ب د ت دا خىتاينىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىدلەپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا قارشى ھېرچقانداق بىر ئەمەلىي ھەرىكەتتە بولۇپ باقمىغان. زېمىنىس، ۋولكىسۋاگېن قاتارلىق گېرمانىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سودا پالائىيەتلىرىگە كۆز يۇمۇپ كەلگەنىدى. د ئۇ ق باياناتىدا، نۆۋەتتە گېرمانىيەنىڭ پرىنسىپلىق مەيدانىنى ئىپادىلەپ، ئۇيغۇر كرىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، بۇ تراگېدىيەنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشنىڭ پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.