گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركىل خىتاينى «ئاز سانلىق مىللەتلەرنى خارلىدى» دەپ ئەيىبلىگەن

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 30-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركىل خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە خىتايغا قارشى پىكىردە بولغان خوڭ كوڭلۇق زاتلارنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مېركىل ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنى ئېچىلىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال گېرمانىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، پات ئارىدا خىتاي تەرەپ بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە خوڭكوڭ ۋەزىيىتىنى تىلغا ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە «مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قەبىھلىك بىلەن باستۇرۇۋاتقانلىقى مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىمەن» دېگەن، ئەمما بۇ مىللەتلەرنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان. ھالبۇكى، پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەيبلەپ كەلگەنىدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيەنىڭ خىتايدىكى سودىسى چوڭ بولۇپ، خىتاي بىلەن ئىزچىل يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلگەن. گېرمانىيەدىكى پائالىيەتچىلەر گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى گېرمانىيەنى زىيارەت قىلغاندا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن.

غەرب ئەللىرىنىڭ خىتايغا سۈكۈت قىلىشى، خىتاينى ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن قوللىشى بارغانچە نومۇسلۇق ئىشقا ئايلانغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 30-سېنتەبىر ۋاتكاننى ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە تاجاۋۇز قىلىش جىنايىتىنى ئەيىبلەشكە چاقىرغان بولۇپ، «كاتولىك دىنى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇشى كېرەك» دېگەن.