گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى چېن چۈەنگو قاتارلىقلارنىڭ ياۋروپاغا كىرىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» ناملىق گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاينىڭ «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» گە ئىنكاس قايتۇرۇشقا، چېن چۈەنگو، جۇ خەيلۈن، ۋاڭ جۈنجېڭ قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ياۋروپاغا كىرىشىنى چەكلەشكە چاقىرغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتىدا تەكىتلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى يۇقىرىقى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ساياھەت چەكلىمىسى ۋە مالىيە ئىمبارگوسى قويۇشى كېرەك ئىكەن.

باياناتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو، شۇنداقلا سىياسى قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرېتارى جۇ خەيلۇن، ئۇنىڭ ئورنىنى باسقان ۋاڭ جۈنجېڭ قاتارلىقلارنىڭ ياۋروپاغا كىرىشىگە يول قويماسلىق تەلەپ قىلىنىپ، بۇ شەخسلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشتا زور جاۋابكارلىقى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن. باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇقنى خورلىغۇچىلارنىڭ قىلمىشىنى سۈرۈشتۈرۈشتە جىددى بولسا، خىتاينىڭ «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» گە جىددىي مۇئامىلە قىلىشى كېرەك ئىكەن.

مەزكۇر بايانات ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ يېڭى رەئىسى، سابىق گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئۇرسۇلا فون دېر لېيېن ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇشنىڭ ھارپىسىدا ئېلان قىلىنغان. ئۇرسۇلا فون دېر لېيېن ئىلگىرى خىتايغا قارىتا قاتتىق قول بولىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بەرگەن. ئۇ «خىتاينىڭ تەھدىتىگە سەل قارالغانلىقى» نى بىلدۈرگەنىدى. «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» باياناتىدا، جۈ خەيلۇننىڭ ئۇيغۇر رايونىدا لاگېر سىستېمىسىنى ئىجاد قىلىپ، بىر يېرىم مىليون ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە تۇڭگانلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، نۆۋەتتە ئۇنىڭ سىياسىتىنى ۋاڭ جۈنجېڭنىڭ ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى، چېن چۈەنگونىڭ يۈزمىڭلىغان خىتاي كادىرىنى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ يەنە ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىزلارنى ئومۇميۈزلۈك تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ۋەيران قىلىشقا كىرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت