«گېرمانىيە ئاۋازى» تورى: ۋالكسۋاگېن(Volkswagen) نىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى زاۋۇتى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بولۇشى مۇمكىن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-11-12
Share

«گېرمانىيە ئاۋازى» تورىنىڭ 12-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيەنىڭ ماشىنا ياساش شىركىتى ۋالكسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىگە قۇرۇلغان تارماق زاۋۇتى بۇ رايوندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. چۈنكى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ۋە قۇل ئىشچى بازىسىغا ئايلاندۇرۇلغان بۇ رايون ھەر قانداق زاۋۇتنى ئەمگەك كۈچى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىكەن.

مەزكۇر تور بېتىدە بۇ ھەقتە 3 يېرىم مىنۇتلۇق بىر ۋىدىيو ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ لاگېرغا مىليونلىغان ئادەملەرنى سولاپ، ئۇ يەردىن قويۇپ بەرگەنلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى، ۋالكسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنىمۇ تەقىب ۋە نازارەت ئاستىغا ئېلىپ باشقۇرۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ ۋىدىيودا زىيارەت قىلىنغان ۋالكسۋاگېن شىركىتىنىڭ مەسئۇلى بۇ تارماق زاۋۇتنى قۇرۇشنىڭ 10 نەچچە يىل بۇرۇن پىلانلانغانلىقىنى، بۇنىڭدا ھېچقانداق سىياسىي مەقسەتنىڭ يوقلۇقىنى ۋە شىركەتنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيەت بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ يەنە بۇ زاۋۇتتا قۇل ئىشچى مەسىلىسى يوقلۇقىنى، زاۋۇتقا ئادەم قوبۇل قىلىشتا ئۇنىڭ ئارخىپىغا ۋە قابىلىيىتىگە قارايدىغانلىقىنى، يۈز تۇرانە سىناق ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئەمما مۇخبىر بۇ زاۋۇتنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرگەندە ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرايدۇ.

مۇخبىر بىر ياقتىن بۇ زاۋۇتنىڭ سىرتقا تولۇق ئېچىلمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان ئىشلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرسە، بىر ياقتىن خىتاينىڭ بۇ رايوندا چوڭ تىپتىكى زاۋۇتلارنى قۇرۇپ ئۇنى قوغدايدىغانلىقىنى، بۇ رايوننى تېخىمۇ ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە تولغان سانائەت بازىسىغا ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت