ۋولكېسۋاگېن گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىقىنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.03.11

گېرمانىيە ئاپتوموبىل شىركىتى ۋولكېسۋاگېننىڭ گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خېيكو مائاسنىڭ خىتاي زىيارىتىدە خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرى ۋە ئۇنىڭ «شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر» نى تىلغا ئالماسلىقىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. مەزكۇر ۋەقە خوڭكوڭدا چىقىدىغان «خوڭكوڭ ئەركىن ئاخباراتى» ناملىق تور ژۇرنىلىدا 11‏-مارت كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان.

خېيكو مائاس 2018‏-يىلى 11‏-ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن، مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ خې، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن.

ئەينى چاغدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇنىڭ خىتاي بىلەن لاگېرلار مەسىلىسىنى سۆزلىشىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. لېكىن «خوڭكوڭ ئەركىن ئاخباراتى» تورىدىكى «ۋولكېسۋاگېن خىتايدا: گېرمانلار يەنە جازا لاگېرلىرىدىن خەۋىرىمىز يوقتى، دەمدۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئىشەنچلىك ئىككى خەۋەر مەنبەسى ۋولكېسۋاگېننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرىنىڭ خېيكو مائاسقا لاگېرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىق ھەققىدە خىزمەت ئىشلىگەنلىكىنى دەلىللىگەن.

ماقالىدە، ۋولكېسۋاگېن شىركىتىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدە خېيكو مائاسقا خىزمەت ئىشلىگەنلىكىنى ئىنكارمۇ قىلمىغانلىقى، ئېتىراپمۇ قىلمىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ماقالىدە يەنە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر مەسىلە ھەققىدىكى سوئالغا قايتۇرغان قىسقا جاۋابىدا، مىنىستىر مائاسنىڭ بۇنداق بېسىملارغا تېز پۈكمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى تەكىتلەنگەن. ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، خېيكو مائاس ئەينى چاغدا لاگېرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن ۋاڭ يى ئۇنىڭغا بۇنداق «ئۆسەك سۆزلەر» گە ئىشەنمەسلىكنى ئېيتقان.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئاپتور ئالېكساندېر زاگېرمان خىتاينىڭ چاڭچۈن شەھىرىدىكى ۋولكېسۋاگېن ئاپتوموبىل زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان مۇنىرە ئىسىملىك بۇ تۇڭگان قىزنى زىيارەت قىلغان. مۇنازىرە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ زاۋۇتتىكى پۈتۈن ئۇيغۇر خىزمەتداشلىرىنى قايتۇرۇپ كەتكەنلىكى، ئۆزىنىڭ دادىسى تۇڭگان بولغانلىقى ئۈچۈنلا قېلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.