نيۇيوركتىكى خىتاي ئاياللار ھوقۇقى تەشكىلاتى خىتايدىكى غايىب بولغان بالىلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

نيۇيوركتىكى خىتاي ئاياللار ھوقۇقى تەشكىلاتى 27-ئىيۇل كۈنى نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا خىتايدىكى غايىب بولغان بالىلار ھەققىدە كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇردى.

كۆرگەزمىدە دوكلات بەرگۈچىلەر يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتايدا يوقاپ كەتكەن، ئادەم بېدىكلىرى تەرىپىدىن ئوغرىلاپ كېتىلىپ سېتىۋېتىلگەن بالىلارنىڭ يىلىغا 200 مىڭغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى تەنقىدلىدى.

نيۇيورك خىتاي ئاياللار كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى جاڭ نەن خانىم رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە ئۆزلىرى توپلىغان ئادەم بېدىكلىرى تەرىپىدىن ئوغرىلىنىپ سېتىۋېتىلگەن بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ رەسىملىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرى بىلەن قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا نارەسىدە بالىلارنىڭ ئادەم بېدىكلىرى تەرىپىدىن ئوغرىلىنىپ خىتاي ئىچىدە ياكى چەتئەللەردە سېتىۋېتىلىش ۋەقەلىرىنىڭ بارغانچە كۆپەيگەنلىكىنى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىپ، خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.