خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيە چېگرا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى شىڭ گۇاڭچېڭ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى «غازاتچى ئۇيغۇرلار» دىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شىڭ گۇاڭچېڭ، «شىنجاڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋەكىللەر ئۆمىكى» نامىدىكى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ تەركىبىدە ئاۋسترالىيەگە كەلگەن.
ئۇ بۇ سۆزلەرنى مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ چارشەنبە كۈنى سېدنىي شەھىرىدە ئاۋسترالىيە خەلقئارا مەسىلىلەر ئىنستىتۇتى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت يىغىنىدا تەكىتلىگەن.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رادىكال ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە بېرىپ ھەربىي تەلىم - تەربىيە ئېلىشىدىن ۋە قايتىپ كېلىپ خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.
مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ ئاۋسترالىيەنى زىيارەت قىلىشىدىكى مۇددىئاسى ئاۋسترالىيەگە ئۇيغۇرلارنىڭ «تېررورلۇق» تەھدىت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشمۇ، ياكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ئۆز - ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشمۇ بۇنىسى نامەلۇم.
خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە قاچقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ئوتتۇرا شەرقتىكى «غازاتچى گۇرۇھلار» غا باغلاپ كەلگەن. ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى بېسىمىدىن قاچقان مۇساپىرلار.
گۇاڭچېڭ ئاۋسترالىيە خەلقئارا مەسىلىلەر ئىنستىتۇتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دۆلىتىگە قاتنىشىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ئۇ قانداق ئامىل ئۇيغۇرلارنى چەتئەلگە قېچىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.