«ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى» (Nikkei) نىڭ 19-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ زەربىلەرنىڭ بىرى، غەرب دۇنياسىنىڭ خىتايدىن مال زاكاز قىلىش مىقدارىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىگە ماس ھالدا ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ خىتايدىكى ھەرقايسى توپ تارقىتىش مەركەزلىرى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ سودا پۇرسىتى بولۇۋاتقان مىلاد بايرىمى ھارپىسىدىكى ئايلاردا كۆرۈلىدىغان مال توختامى دولقۇنىنىڭ بايرام كەلمەستىنلا پەسكويغا چۈشۈپ بولغانلىقى، بۇنىڭ ئەڭ جانلىق دەلىلى بولۇپ قالغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تاجىسىمان ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان قاتتىق كونتروللۇق چارىلىرىنى بوشاتقان، بولۇپمۇ 2023-يىلىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپلا چېگرا كونتروللۇقىنى زور دەرىجىدە بىكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما غەرب دۇنياسىدىكى سودا ساھەسىنىڭ خىتاي تەۋەسىدىكى زاۋۇتلارغا مال زاكاز قىلىش مىقدارى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ ماڭغان. بۇ ھال مىلاد بايرىمى ۋە يېڭى يىل بايرىمى ئۈچۈن مال زاكاز قىلىشتا ئەڭ گەۋدىلىك ئەكس ئەتكەن. خىتاينىڭ ئەكسىچە باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ غەرب دۇنياسى بىلەن بولغان مال توختامى بارغانچە كۆپىيىشكە باشلىغان. يىۋۇدىكى مەركىزىي سودا سارىيىدا دۇكان ئاچىدىغان جياڭ فامىلىلىك بىر خىتاي بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «بۇ يىل سودىمىزنىڭ ھېچ تايىنى بولمىدى. ھېلىمۇ تەلىيىمىزگە رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق بولۇپ قاپتىكەن. ھازىر ماللىرىمىزنى شۇلار ئېلىۋاتىدۇ» دېگەن.
خىتاينىڭ مۇشۇ خىلدىكى غەرب دۇنياسىغا مال ئېكسپورت قىلىش مىقدارى ئۆتكەن 11 ئايدا بەش پىرسەنتتىن ئارتۇق تۆۋەنلىگەن بولسا، ئومۇمىي ئىمپورت سوممىسى ئالتە پىرسەنت چۈشۈپ كەتكەن. بولۇپمۇ ئامېرىكا بازىرىنى نىشان قىلغان ئېكسپورت مىقدارى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن بولۇپ، نويابىرنىڭ ئاخىرىدا بۇ سان 14 پىرسەنتكە يېقىنلاپ قالغان. مۇتەخەسسىسلەر بولسا بۇ سانلارنىڭ تېخىمۇ زورىيىپ مېڭىش ئېھتىماللىقىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بارغانسېرى جىددىي تېمىلاردىن بولۇپ قالغان، شۇنىڭدەك بۇنىڭ چېتىلىدىغان دائىرىسىنىڭ بەكمۇ كەڭ ئىكەنلىكى بىلىنىشكە باشلىغان ئىدى. بۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار قانۇنلارنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ۋە خىتاي تاۋارلىرىغا بولغان چەكلىمىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، خىتاي ماللىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا ئېكسپورت قىلىنىشىغا مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.