غەرب شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن چېكىنىشى كۆپەيمەكتە
نۆۋەتتە ۋىيېتنام، مېكسىكا، تايلاند ۋە مالايسىيا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئورنىنى ئېلىشقا كۈچەۋاتقان بولسىمۇ، ھىندىستان ھەرقايسى جەھەتلەردىن بىردەك «ئەڭ ياخشى نامزات» دەپ قارالماقتىكەن.
-
مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023-05-11 -
-
-
غەرب دۇنياسى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكلىشىش بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقاندا، بۇنىڭ بىر ئىپادىسى غەرب شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئورنىنى ئالىدىغان ئىككىنچى بىر دۆلەت نامزاتىنى جىددىي ئىزدىشىدە ئەكس ئېتىۋاتقانلىقى مەلۇم.
«ۋال-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 9-مايدىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ۋىيېتنام، مېكسىكا، تايلاند ۋە مالايسىيا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئورنىنى ئېلىشقا كۈچەۋاتقان بولسىمۇ، ھىندىستان ھەرقايسى جەھەتلەردىن بىردەك «ئەڭ ياخشى نامزات» دەپ قارالماقتىكەن. چۈنكى ھىندىستاندىكى ئەمگەك كۈچى بايلىقى غەرب دۇنياسىغا لازىملىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى قامداشقا يېتىدىغان بولۇپ، يېقىندا ھىندىستاننىڭ نوپۇسى خىتايدىن ئېشىپ دۇنيادىكى ئاھالىسى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلانغان. يەنە بىرى، ھىندىستاندىكى ئىچكىي بازار كۆلەم جەھەتتە خىتايدىن قېلىشمايدىغان بولۇپ، غەرب دۇنياسى دېموكراتىيە مۇئەييەن دەرىجىدە مەۋجۇت بولغان ھىندىستاننى تەبىئىي شېرىك، دەپ قاراشقا مايىل بولۇشقا باشلىغان. ھىندىستانمۇ سودا مۇھىتىنى ئىلگىرىكىدىنمۇ دوستانە كەيپىياتقا ئىگە قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.
«ئالما» (Apple) شىركىتىنىڭ ھىندىستاندا زاۋۇت ئېچىشىدىن كېيىن، «سامسۇڭ» (Samsung) ۋە «ۋېستاس» (Vestas) قاتارلىق شىركەتلەرمۇ بۇ مەسىلىنى جىددىي ئويلىشىشقا باشلىغان. يېقىندا «مىكروسوفت» شىركىتىگە قاراشلىق «لىنكېدىن» (LinkedIn) مۇ خىتايدىكى «تاقەت قىلىشقا بولمايدىغان خىزمەت مۇھىتى» تۈپەيلىدىن خىتايدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. نۆۋەتتە بۇ خىل يۈزلىنىش بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ساھەسى ئۈچۈن ئېغىر زەربە بولىدۇ، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.