غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپ لايىھەسى 6-ئۆكتەبىر خىتاي ۋە ئۇنى قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن رەت قىلىنغان كېيىن، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كېلەر يىللىق يىغىنىدا قايتا ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت نەشىر-ئەبكارى بولغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» 7-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ تەكلىپ لايىھەسىنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 2023-يىلى 3-ئايدىكى يىغىنىدا قايتا ئوتتۇرىغا قويۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمايدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە، بۇ قېتىم خىتاي ئىنتايىن ئاز پەرق بىلەن ئۇتقان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ بۇ تەكلىپ لايىھەسىنى كېلەر قېتىملىق يىغىندا قايتا ئوتتۇرىغا قويۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ پىكىرىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىنلىكى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا قارىتا تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى بىلەت تاشلاشتا ئۇكرائىنا، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن. بىراق ئارقىدىنلا ئۇكرائىنانىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلىق باش ئەلچىسى تەكلىپ لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتىغا دىققەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ھۆرمەت قىلىنىشى ۋە كاپالەتلكە ئىگە قىلىنىشى، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ۋەزىيەتنى ئوبېيكتىپ ۋە مۇۋاپىق ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.
ئۆتكەن ھەپتىدىكى بىلەت تاشلاشتا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن پەقەت سومالىلا تەكلىپ لايىھەسىنى قوللىغان. بولۇپمۇ قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ تەكلىپ لايىھەسىگە قارشى خىتاي تەرەپنى قوللاپ ئاۋاز بېرىشى، مۇھاجىرتەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.
