ياپونىيە تاراتقۇسىدا غەيرەت كەنجىنىڭ خىتاي ماللىرىنى ئالماسلىق تەشەببۇسى مۇھىم تېما بولغان

«ياپونىيە ئالغا» تورى 11-يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان «خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك: كۈنتاختىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان سەتچىلىك» ناملىق بىر ماقالىدە، ياپونىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر، ئۇيغۇر زىيالىيسى غەيرەت كەنجىنىڭ خىتاي ماللىرىنى ئالماسلىق تەشەببۇسى مۇھىم تېما قىلىنغان.

«ياپونىيەلىك بىر ئۇيغۇر ياپونىيە ئىستېمالچىلىرىدىن خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ماللارنى ئېلىشنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى. ئەمدى توكيودىكى كۈنتاختىلارنى قانداق قىلىش كېرەك؟» دېگەن جۈملىلەر بىلەن باشلانغان بۇ ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلدىن بېرى ياپونىيە پۇقراسى بولۇپ ياشاۋاتقان غەيرەت كەنجى

خىتاي ماللىرىنى ئالماسلىق تەشەببۇسىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، توكيو شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆتكەن يىلى يېڭى سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسىگە كۈنتاختا ئورنىتىش بەلگىلىمىسى چىقارغان. بۇ ئەھۋالدا توكيو ئاھالىسى خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى بولغان كۈنتاختىغا تايىنىپ قالىدىكەن. چۈنكى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان كۈنتاختىلارنىڭ خەلقئارا بازاردا ئىگىلىگەن نىسبىتى 80 پىرسەنتتىن ئاشىدىكەن، بۇ كۈنتاختىلارغا كېتىدىغان كىرىستاللىق سىلىتسىينىڭ 40 پىرسەنتى ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىكەن ۋە بۇنى ئىشلەپچىقىرىش ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىلىدىكەن.

ياپونىيە پارلامېنتى ئۆتكەن يىل 2-ئايدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە بىر قارار ماقۇللىغان، ئەمما خىتاي ياكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە بىر ئېغىز گەپ قىلمىغان. بۇ ماقالىدە، ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئامېرىكا ئىجرا قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ماسلىشىش قەدىمىنىڭ ناھايىتى ئاستا بولۇۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنغان.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا غەيرەت كەنجىنىڭ ياپونىيەگە خىتابەن «خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ئارقىلىق خەلقىمگە ياردەم قىلىڭلار» دېگەن سۆزى چاقىرىق قىلىنغان.