دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 28 يىللىقىنى تۈرلۈك پائالىيەت ۋە نامايىشلار ئارقىلىق خاتىرىلىدى.
بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە ياۋروپادىكى ئەنگلىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، فىرانسىيە، بېلگىيە ھەمدە تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا، چوڭ ئاممىۋى مەيدانلاردا ياكى يىغىلىش ئورۇنلىرىدا نامايىش قىلىش، خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈش، بايانات ئېلان قىلىش ۋە خەتمە قۇرئان قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلدى.
1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرى غۇلجا شەھىرىنىڭ چوڭ كوچىسىدا كوللېكتىپ نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مەشرەپ» پائالىيىتىنى چەكلىگەنلىكى ھەمدە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىنى بىگۇناھ قولغا ئالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تىنچلىق نامايىشىنى قوراللىق باستۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئادەم تۇتۇپ، نەق مەيداندا ياكى تۈرمىلەردە قەتلىئام يۈرگۈزگەنلىكى مەلۇم. شۇنداق تۇرسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا ۋەقەدە پەقەت 9 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۈگۈن 5-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇپ كەم دېگەندە 100 ئادەمنى نەق مەيداندا ئۆلتۈرگەنلىكى، نۇرغۇن ئادەمنى يارىلاندۇرغانلىقى، 4000 غا يېقىن ئادەمنى قولغا ئالغانلىقى ۋە 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى» قەيت قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ باياناتىدا، «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى تارىخ ئەمەس، بەلكى ئۇ داۋاملىشىۋاتقان باستۇرۇشنىڭ بىر قىسمى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە يەنە ئەنگلىيە پارلامېنتنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىمۇ ئاۋاز قوشقان بولۇپ، ئۇلار ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» تەشكىلاتى باشلىقى رەھىمە مەھمۇد خانىم بىلەن بىرلىكتە «بىز ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە» دېگەن لوزۇنكىنى كۆتۈرۈپ بۇ كۈننى خاتىرىلىگەن ھەم ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
