گوللاندىيە باش ئىستىخبارات ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى 17-ئاپرىل ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ گوللاندىيە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكانلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا تايىنىشنى ئازايتىشقا تىرىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا ئەزا مەزكۇر دۆلەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينى ئوچۇق-ئاشكارا «ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىت تەھدىت» دەپ ئېلان قىلىشىدۇر. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گوللاندىيە ئىستىخبارات ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باش دېرىكتورى ئېرىك ئاكېربۇم، خىتاينىڭ گوللاندىيەنى تېخنولوگىيە كەشپىياتى ۋە تەرەققىيات دۆلىتى سۈپىتىدە نىشانغا ئالغانلىقىنى ئېيتقان.
ئېرىك ئاكېربۇمنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار خىتاينىڭ «ھەر كۈنى گوللاندىيەدىن (تېخنىكا) ئوغرىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرماقتا» ئىكەن. ئېرىك ئاكېربۇم مۇنداق دېگەن: «خىتاي تورنى قورال ئورنىدا ئىشلەتمەكتە. ئۇلار تورنى جاسۇسلۇق قىلىش ۋاستىسى سۈپىتىدە قوللىنىپلا قالماي، بەلكى بىزگە يەنە ئوقۇغۇچىلار، شۇنداقلا ھەممە كەسپلەردىكى ئىلمىي خادىملارنى تېخنىكا ئوغرىلاش ئۈچۈن ئاجىز نۇقتىلىرىمىزدىن پايدىلىنىشقا ئەۋەتمەكتە.»
گوللاندىيە بۇ يىلنىڭ باشلىرى ئىلغار تىپلىق ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ماشىنىلىرىغا قارىتا ئېكسپورت چەكلىمىسىنى كۈچەيتىدىغان قوشۇمچە تەدبىرلەرنى يولغا قويغان. گوللاندىيە بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇ خىل ئۆزەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىغا ئېرىشىشىنى چەكلەشتە ئامېرىكانىڭ سېپىگە قوشۇلغان. غەرب بۇ خىل ئۆزەك تېخنىكىسىنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەشتە، خىتاينىڭ بۇ تېخنىكىنى قورال-ياراققا، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا ياكى ھەربىي ئارقا سەپنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىش ئەندىشىسى سەۋەب بولغان.
گوللاندىيە ئىستىخبارات ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى دوكلاتىدا، ئۆتكەن يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىدىن ئالبانىيەنىڭ كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى «خىتاي، رۇسىيە، ئىرانغا ئوخشاش كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇمى پروگراممىلىرىغا ئىگە دۆلەتلەردىن كېلىدىغان چوڭ تەھدىت» نىڭ بىر مىسالى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
