گوللاندىيە پېنسىيە فۇندى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋەتكەن

گوللاندىيەنىڭ بىر قانچە پېنسىيە فۇندى ئ‍ۆزلىرىنىڭ قولىدىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكىنى بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقانلىقى سەۋەبلىك سېتىۋەتكەن. «ئاسىيا سەرمايىدار» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «پۇل قوغلىشىش» ناملىق تەكشۈرۈش تورى گوللاندىيەدىكى 24 چوڭ پېنسىيە فۇندىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ABP، دېتەيلخەندېل، PMT ۋە ۋونىڭ شىركەتلىرىنىڭ بۇ خىتاي شىركەرلىرىدىكى پاي چېكىنى سېتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«ئاسىيا سەرمايىدار» تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىشىچە، بۇ تۆت گوللاندىيە پېنسىيە فۇندىنىڭ يۇقىرىقى خىتاي شىركەتلىرىدىكى پاي چېكى بەك كۆپ ئەمەس ئىكەن. خەۋەردە بۇ تۆت شىركەتنىڭ ئومۇمىي پاي چېكى سوممىسى 140 مىليون 430 مىڭ دوللار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ پېنسڭيە فۇندىلىرىنىڭ پاي چېكى سوممىسى بەك كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى تۈپەيلى خىتاي شىركەتلىرىدىكى پاي چېكىنى سېتىۋېتىشىنىڭ سىمۋۇللىق ئەھمىيىتى زور ئىكەن.

خەۋەردە بۇ فۇندىلارنىڭ پاي چېكىنى قاچان سېتىۋەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. ئەمما بۇ خەۋەر گوللاندىيە پارلامنېتى بۇ يىل 2-ئايدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان. گوللاندىيە پارلامېنتى قارارىدا «خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇۋاتقانلىقى» تەكىتلەنگەن. گوللاندىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ستېف بلوك «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى قاتتىق ئەندىشە قوزغىماقتا،» دېگەن ئىدى.