گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن
گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېف بلوك 27-ئاۋغۇست خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدىن ئەندىشىگە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
-
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-08-28 -
-
-
گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېف بلوك 27-ئاۋغۇست خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدىن ئەندىشىگە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «نېدېرلاندس ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ستەف بلوك سۆھبەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا پاراكەندىچىلىك قىلىش ۋە تەھدىت سېلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار بۇ يىل 5-ئايدا گوللاندىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا ئەرز سۇنۇپ، خىتاينىڭ ئۆزلىرىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلغان.
ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋاڭ يى گوللاندىيەنى زىيارەت قىلىشنىڭ ئالدىدا ئەرزىدارلار بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. «نېدېرلاندس ۋاقتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا ستېف بلوكنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، لېكىن كونكرېت نېمىلەرنى دېگەنلىكى ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ نېمە، دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى ئاشكارىلانمىغانلىقىنى، باياناتتا پەقەت بلوكنىڭ «ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى» تەكىتلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە تەكىتلىشىچە، گوللاندىيە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى گوللاندىيەدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا تېلېفون قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشكە قىستىغانلىقىغا دائىر 58 كىشىنىڭ 28 ئىنكاسىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە، بۇ خىل قىلمىش گوللاندىيە قانۇنىدا جازالانسىمۇ، لېكىن تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ يۇقىرىقى ئەرزگە قارىتا دېلو تۇرغۇزماسلىقنى قارار قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، تەپتىش دائىرىلىرى بۇ دېلونى ئېنىقلاش مۇمكىنچىلىكى يوق، دەپ قارىغان.