گوردون چاڭ: «ئامېرىكانىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى بار»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.09.03

ئامېرىكادىكى تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى گوردون چاڭ يېقىندا «Gatestone Institute» ناملىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ تور بېتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ خىتاي كومپارتىيەسىدىن ئىبارەت بۇ قارا نىيەت ھاكىمىيەتنى يوقىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ماقالىسىدە ئىلگىرىكى ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن، كونا سىياسەتچى جورجى شولتىزنىڭ يېقىندا «ۋال-سىترىت ژۇرنىلى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكا خىتاي بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىشى كېرەك،» دېگەن ئىدىيەنى ئالغا سۈرگەنلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ۋە بۇنىڭغا ئوخشىمىغان نوقتىلاردىن رەددىيە بەرگەن.

ئۇ ئامېرىكانىڭ بۈگۈنگىچە خىتايغا ھەر جەھەتتە ياردەم بېرىپ ئۇنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى، بىراق خىتاينىڭ بولسا بۇنىڭغا جاۋابەن ئامېرىكانى مەغلۇپ قىلىش، دۇنياغا خوجا بولۇشتەك قارا نىيەت بىلەن ھەرىكەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. شۇڭا ئۇ بۇنداق بىر دۈشمەن ھاكىمىيەت بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ ئاللىقاچان مەغلۇپ بولغان ئىدىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

گوردون چاڭ ماقالىسىدە يۇقىرىقىلاردىن باشقا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرى ئۈستىدىمۇ ئالاھىدە توختالغان. ئۇ خىتاينىڭ ھازىر ئالاھازەل 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرنى جازا لاگېرلىرىغا سولىغانلىقىنى، ئۇ يەردە ھەر كۈنى ھەددى-ھېسابسىز جانلارغا زامىن بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارادا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلگەن بۇ ھەرىكەتتىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئوچۇق-ئاشكارادەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. گوردون چاڭ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكىگە قۇربان قىلىنىۋاتقانلىقىدەك مەلۇماتلارنىمۇ تىلغا ئېلىپ: «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر ھاكىمىيەت بىلەن ئامېرىكا يەنە داۋاملىق مۇناسىۋەت ئورنىتىشى كېرەكمۇ؟» دەپ سوئال قويغان.

ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ تەكىتلىگەن: «رەزىل ھاكىمىيەت ئۆزىنى ئىسلاھ قىلالمايدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى قارا نىيەتكە تولغان زوراۋان ھاكىمىيەت. ئۇ ئەركىنلىكنىڭ دۈشمىنى، دىننىڭ دۈشمىنى، ھاياتلىقنىڭ دۈشمىنى. قىسقىسى، خىتاي ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى. شۇڭا ئامېرىكانىڭ بۇ جىنايەتلەرنى توختىتىشتىن ئىبارەت ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى بار، جۈملىدىن ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى بار.»

گوردون چاڭ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ۋە دۇنيانى ئەمدى خىتاي كومپارتىيەسى ۋە شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يېڭى زاماندا ئوتتۇرىغا چىققان مۇستەبىت زالىمنى تونۇپ يېتىپ، تارىختىكى خاتالىقلارنى تەكرارلىماسلىققا چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.