گۇاڭجۇدا ھەربىي سەپتىن قايتقان ئەسكەرلەر نامايىش قىلىپ، «كومپارتىيە يوقالسۇن» دەپ شوئار توۋلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-10-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە يېقىندا ھەربىي سەپتىن قايتقان ئەسكەرلەر نامايىش قىلىپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىقىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشچىلار گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلار نازارىتىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىپ، «كومپارتىيە يوقالسۇن» دەپ شوئار توۋلىغان.

بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن بىرەر مىڭدەك كىشى بېيجىڭدا نامايىش قىلغان ئىدى. ئۇلار خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىدا جىم ئولتۇرۇۋېلىپ، دەم ئېلىش پۇلىنىڭ ئاز، ئىجتىمائىي پاراۋانلىقىنىڭ بەك ناچارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ پاراۋانلىقنى ياخشىلاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئەمما خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ تەلىپىنى ئورۇندىمىغاننىڭ ئۈستىگە، يۇرتىغا قايتىپ بارغانلارغا جازا بەرگەن. ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، بۇ خىل نامايىشلار خىتايدا كۆپ يۈز بەرسىمۇ، ئەمما «كومپارتىيە يوقالسۇن» دېگەن بۇ شوئارنىڭ تۇنجى قېتىم توۋلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەربىيدىن قايتقان ئەسكەرلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشى كۆپەيمەكتىكەن. خىتاي پائالىيەتچى خۇاڭ چىنىڭ «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»گە بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل ھەربىيدىن قايتقان ئەسكەرلەر 50 قېتىمدەك نامايىش قىلغان. ئەمما ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن ھەربىي سەپتىن قايتقان ئەسكەرلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئالدىدا نامايىش قىلىشى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت