خىتاينىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە بىر مېھمانخانا «تېررورلۇق» قا چېتىشلىق، دەپ قارالغان بىر يولۇچىنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرىنى تىزىمغا ئالمىغاچقا 100 مىڭ سوم جەرىمانە تۆلىگەن. «گۇاڭجۇ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ مېھمانخانىدا قونغان يولۇچى بىر تېررورلۇق دېلوسىغا چېتىشلىقكەن.
دائىرىلەر، مېھمانخانىنى ئۇ يولۇچىنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرىنى تىزىملاپ، تېگىشلىك سىستېمىغا كىرگۈزمىگەن، دەپ ئەيىبلىگەن. ئەمما خەۋەردە، ئۇ يولۇچىنىڭ ئىسمى، مىللىتى، مېھمانخانىنىڭ نامى، ۋەقەنىڭ قاچان يۈز بەرگەنلىكى، ئۇ «تېررورلۇق» دېلوسىنىڭ قانداق ۋەقە ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتايدا ھۆكۈمەت تېررورلۇق، دەپ قارىغان مۇتلەق كۆپ قىسىم دېلو ۋە شەخسلەر ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىقكەن.
ھەر قايسى ئۆلكىلەر ئىلگىرى يەرلىك بەلگىلىمە چىقىرىپ، مېھمانخانىلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياتاق بەرمەسلىكىنى، ئەگەر ياتاق بەرسە يولۇچىنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرىنى دەرھال يەرلىك بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ تور سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن.
بۇ يەرلىك بەلگىلىمە خىتاينىڭ 2015 - يىلى 12 - ئايدا چىقارغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» غا كىرگۈزۈلۈپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا جەرىمانە قويۇش بېكىتىلگەن ئىدى. مەزكۇر قانۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن.
ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ قانۇننىڭ قاراتمىلىقى كۈچلۈك، ئۇنىڭدا خىتاي بىخەتەرلىك ۋە ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ قانۇنلۇق ئۇيغۇر ئۆكتىچىلەرنى تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرۇشى قانۇنلاشتۇرۇلغان.
«گۇاڭجۇ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر يەنە مېھمانخانىنىڭ شۇ كۈنكى نۆۋەتچى دىرېكتورىغا ئايرىم 10 مىڭ سوم جەرىمانە قويغان.