ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرىنى تەيىنلەش يىغىنىدا گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.06.16
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

15-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرىنى تەيىنلەش يىغىنىدا كېڭەش پالاتا ئەزاسى تىم كېيىن بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش ئالدىدا تۇرغان دىپلومات دانىيال كرىتىنبرىكتىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراش مەسىلىسىنى، جۈملىدىن گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ناھەق ھالدا قاماققا ئېلىنغانلىق مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۆتكەن ھەپتە بىز تاشقى ئىشلار كومىتېتىمىزدا شىنجاڭدىكى قەبىھ سىياسەت توغرۇلۇق بىرلەشمە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزدۇق. سېناتور ماركو روبىيو ۋە رۇمنى قاتارلىقلار بۇ ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلدى. كومىتېتىمىز پۈتۈن دۇنيادىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش خىزمىتىنى شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل شۆبە كومىتېتىمىز بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارىدۇ. بىز گۇۋاھچىلاردىن كۈچلۈك ئىسپاتلارنى ئاڭلىدۇق. بۇنىڭ ئىچىدە روشەن ئابباس خانىمنىڭ سۆزى ھەممىدىن تەسىرلىك بولدى، ئۇ خىتاي تەرىپىدىن 3 يىلدىن بېرى قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ھەدىسى گۈلشەن ئابباس ھەققىدە مەلۇمات بەردى، ئۆتكەن يەكشەنبە ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، تۈرمىدە ئۆتكەن ئۈچىنچى تۇغۇلغان كۈنى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇلار گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، نەگە قامالغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار پەقەت ئۇنىڭ مەخپىي ھالدا 20 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىنى بىلىدۇ. گۈلشەن ئابباس بىر دوختۇر بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت شىنجاڭدىكى كېسەللەرنى داۋالاش ئىدى. ئامېرىكىمۇ تىرىشىۋاتىدۇ، بىراق دۇنيانىڭ بۇ زوراۋانلىققا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقى تېخى نەتىجە بەرمىدى».

ئارقىدىنلا سېناتور تىم كېيىن مۇئاۋىن مىنسىتىر نامزاتى دانىيال كرىتىنبرىكقا: «بىر كومىتېت، بىر ھۆكۈمەت، بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز قانداق قىلغاندا خىتايغا تېخىمۇ كۈچلۈك بېسىم قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئېچىنىشلىق تۈردە زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنى ئاياغلاشتۇرالايمىز؟» دەپ سوئال قويغان.

دانىيال كىرتىنبىرىك بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىپ، دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقاندا ئۆزىنىڭمۇ روشەن ئابباس خانىمنىڭ سۆزىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى، سېناتور تىم كېيىننىڭ پىكرىگە تامامەن قوشۇلىدىغانلىقىنى، مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى كىشىنى چۈچۈتىدىغان جىنايەت ئىكەنلىكىنى، بۇنى توختىتىش ئۈچۈن تاشقى ئىشلار كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ «7 دۆلەت ئىتتىپاقى» دىكى ئىتتىپاقداشلىرى، جۈملىدىن ياپونىيە، كورېيە، ھىندىستان، ئاۋسترالىيە قاتارلىق «4 دۆلەت بىرلىكى» بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن دانىيال كرىتىنبرىك 2017-يىلدىن بېرى ئامېرىكانىڭ ۋېينامدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ كېلىۋاتقان دىپلومات بولۇپ، بۇ يىغىندا ئۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش مەسىلىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۈتكەن تەلەپلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت