«بىر ئەركىن ئاخبارات بىرلەشمىسى» ژورنالىست گۈلمىرە ئىمىننىڭ دېلوسىنى ئەڭ جىددىي 10 چوڭ مەسىلىنىڭ بىرى، دەپ ئېلان قىلدى

دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ئەركىنلىك تەشكىلاتى- «بىر ئەركىن ئاخبارات بىرلەشمىسى» 1-فېۋرال كۈنى 10 كىشىلىك ئەڭ جىددىي تىزىملىك ئېلان قىلىپ، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ژورنالىست گۈلمىرە ئىمىننى بۇ 10 چوڭ جىددىي دېلونىڭ بىرى، قىلىپ بېكىتكەن. «ياخۇ خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر بىرلەشمە ژورنالىستلارنىڭ ئەڭ جىددىي 10 كىشىلىك تىزىملىكنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق دۇنيادىكى ژورنالىستلار دۇچ كېلىۋاتقان خەتەرلىك مۇھىتقا دىققەت قوزغاشنى مەقسەت قىلماقتىكەن.

«بىر ئەركىن ئاخبارات بىرلەشمىسى»، بىرلەشمە ئاگېنتلىق، رويتېرس، ۋاشىنگتون پوچتىسى، دەۋر، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى، CNN، بلۇمبېرگ قاتارلىق دۇنيادىكى 35 نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورنىنىڭ تەشكىلاتى بولۇپ، بۇ ئورگان ئوتكەن يىلى «داۋۇس ئىقتىسادى مۇنبىرى» نىڭ يىغىنىدا قۇرۇلغان. مەزكۇر ئورگاننىڭ 10 كىشىلىك تىزىملىكىدە گۈلمىرە ئىمىن تونۇشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ بۆلگۈنچىلىك، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، قانۇنسىز نامايىش تەشكىللەش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئۇنىڭدا يەنە گۈلمىرە ئىمىننىڭ 2009-يىلى ئىيۇلدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، دائىرىلەرنىڭ ئۇنى نامايىشنى تەشكىللەش، توردا نامايىش ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تارقىتىش، شۇنىڭدەك تېلېفون ئارقىلىق نورۋېگىيەدىكى يولدىشىغا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن ئەيىپلەنگەنلىكى ئېيتىلغان. خىتاينىڭ گۈلمىرە ئىمىننى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىشى ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغانىدى.