ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى: «گۈلمىرە ئىمىن دەرھال قويۇپ بېرىلسۇن»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-02-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 15‏-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، 2009‏-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر تور تەھرىرى گۈلمىرە ئىمىننىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ قوش رەئىسلىرىنىڭ بىرى تەنزىن دورجېنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۈلمىرە ئىمىننى ئاساسسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى تەنقىدلەنگەن.

گۈلمىرە ئىمىن ئەينى چاغدا بىر تور بېتىنىڭ خەۋەر ۋە مەدەنىيەت سەھىپىسىنىڭ تەھرىرى بولۇپ، 2009‏-يىلى ئۈرۈمچى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» پارتلاپ 9 كۈندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. ئۇ 2010‏-يىلى 4‏-ئايدا «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» نى تەشكىللىگەن دەپ ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى بىرقانچە يىل ئاۋۋال ئۇنى «قۇتقۇزۇلىدىغان ۋىجدان مەھبۇسلىرى» نىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى.

تەنزىن دورجې باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئاتاقلىق مۇزىكانت ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ۋىدىيوسىنى ئېلان قىلىشى، دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ۋىدىيوسىنى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى قوزغىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ يىل، گۈلمىرە ئىمىننىڭ مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىق خاتىرىسى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئۇنىڭغا ئارتىلغان ئاساسسىز ئەيىبلەشنى تەنقىدلەيدۇ ھەم خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدۇ» دېگەن.

تەنزىن دورجېنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ پائالىيەتچىلەر ۋە تۇتقۇنلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قوزغىغان سۆيۈملۈك كىشىلىرىنىڭ ساق-سالامەت تۇرغانلىقىغا دائىر دەلىللەرنى ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىش تىرىشچانلىقىغا قايىل بولغان.

ئۇ يەنە باياناتىدا: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خالىغانچە ۋە ناھەق تۇتقۇن قىلغان مىليونلىغان مۇسۇلمانلارنى چوقۇم قويۇپ بېرىشى كېرەك» لىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ باياناتىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادنى «خىتايلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنى تەنقىدلىگەن.

تەنزىن دورجې خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق ھەر خىل ئېتىقادلارنى سوتسىيالىزمغا ماسلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى باشقۇرماقچى ۋە كونترول قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە مۇسۇلمان ئۇيغۇر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.

تولۇق بەت