«خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتى» خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ۋىجدان مەھبۇسى گۈلمىرە ئىمىننى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-08-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن تېنزىن دورجى 8-ئاۋغۇست كۈنى چاقىرىق ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر ۋىجدان مەھبۇسى گۈلمىرە ئىمىننى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

چاقىرىقتا مۇنداق دېيىلگەن: «گۈلمىرە ئىمىنگە بېرىلگەن چېكىدىن ئاشقان ناھەق جازا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى ۋە باشقا زىيانكەشلىك سىياسەتلىرىنىڭ ئالدىن بېشارىتى ئىدى.»

گۈلمىرە ئىمىن 2009‏-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» پارتلاپ 9 كۈندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. ئۇ 2010‏-يىلى 4‏-ئايدا «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» نى تەشكىللىگەن دەپ ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 2018-يىلى ئۇنى رەسمىي ھالدا ئۆزلىرىنىڭ «ۋىجدان مەھبۇسلىرى» تىزىملىكىگە ئالغاندىن بېرى ئىزچىل ھالدا ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ كەلمەكتە. تېنزىن دورجى چاقىرىقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى گۈلمىرە ئىمىن ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ دىنى ۋە مىللىي كىملىكى سەۋەبلىك تۈرمىلەرگە سولانغان بارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇۋېتىشكە چاقىرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت