2009-يىلى يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دا قولغا ئېلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان يازغۇچى ۋە تور باشقۇرغۇچىسى گۈلمىرە ئىمىن، 15 يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ خەلقئارالىق تەشۋىقات قانىلى - CGTN تارقاتقان تەشۋىقات خاراكتېرلىك ھۆججەتلىك فىلىمدا قايتا كۆرۈندى.
CGTN قانىلىنىڭ «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە ئىشلىگەن «زۇلمەت قاپلىغان ئۈرۈمچى» ناملىق بۇ تەشۋىقات فىلىمىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نى چەت ئەلدىكى ئاتالمىش «بۆلگۈنچى» ۋە «تېررورلۇق كۈچلىرى» كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، شۇنداقلا بۇ ۋەقەنىڭ پۈتكۈل جاۋابكارلىقىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشچىلىقىدىكى چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئارتىشقا ئۇرۇنغان. ھالبۇكى، تاشقىي دۇنيا بۇ فىلىم ئارقىلىق تۇنجى قېتىم 15 يىلدىن بېرى ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان «5-ئىيۇل تۇتقۇنى» گۈلمىرە ئىمىننىڭ ھايات ئىكەنلىكى ۋە تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان بولدى.
خىتاي ئىشلەپ تارقاتقان بۇ تاشقىي تەشۋىقات فىلىمىدا، 15 يىللىق تۈرمە ھاياتىنىڭ تۇتقۇن گۈلمىرە ئىمىننىڭ چىراي-تۇرقى ۋە تاشقىي كۆرۈنۈشىدە پەيدا قىلغان ئۆزگىرىشلەر، شۇنداقلا جىسمانىي ۋە روھىي ئىسكەنجىنىڭ ئۇنىڭدا قالدۇرغان چوڭقۇر ئىزلىرى ئاشكارا بولغان. بۇ فىلىمدىكى بۇ كۆرۈنۈشلەر چەت ئەللەردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا «خىتاي ھۆكۈمىتىدە قەبىھلىكىنىڭ چەك- چېگراسى يوق» دېگەن باھالارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا.
گۈلمىرە ئىمىن «ئۈرۈمچى 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا «بۆلگۈنچىلىك»، «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» ۋە «نامايىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. رادىيومىزنىڭ 2020-يىلى قەشقەردىكى تۈرمە دائىرىلىرىدىن ئېنىقلىشى جەريانىدا، تۇتقۇن گۈلمىرە ئىمىنغا بېرىلگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىنىڭ 19 يىل 8 ئايغا قىسقارتىلغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
15 يىلدىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى گۈلمىرە ئىمىننىڭ ئەھۋالىدىن ئۇچۇر بېرىشنى، ئۇنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ چاقىرىقلارغا ئىزچىل ھالدا جاۋاب بەرمىگەن ئىدى. گۈلمىرە ئىمىننىڭ قىسقا كۆرۈنۈشى، خىتاي ئىشلەپ تارقاتقان «زۇلمەت قاپلىغان ئۈرۈمچى» ناملىق بۇ ھۆججەتلىك فىلىمىنىڭ 1-قىسمىدا ئۈچ يەرگە قىستۇرۇلغان. بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ قاچان، قەيەردە سىنغا ئېلىنغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ فىلىمدا گۈلمىرە ئىمىننىڭ ئېغىزىدىن ئاتالمىش «توپىلاڭچىلار» ئەيىبلەنگەن، چەت ئەلدىكى «بۆلگۈنچى كۈچ» لەرنىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ كېلىپ چىقىشىدا «ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن. ھالبۇكى، بۇ فىلىمنى كۆرگەن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ئىنكاس يېزىپ، گۈلمىرە ئىمىننىڭ تۈرمىدە ئېغىر ئىسكەنجە ئاستىدا بۇ سۆزلەرنى قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى قەيت قىلماقتا.
