گۇما ناھىيەسىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۆلگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.09.19
urumchi-partlash-bazar-qarshiliq-2.jpg خەلق باغچىسى يېنىدىكى ئاۋات بازاردا بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 2014-يىلى 22-ماي، ئۈرۈمچى.
EYEPRESS NEWS

ئۆتكەن شەنبە كۈنىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاغىلىق ناھىيىسىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلەشكەنلىكى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خەۋەر تارقالغان ئىدى.

رادىيومىز بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، پارتلاش ۋەقەسىنىڭ گۇما ناھىيەسىنىڭ كۆكتېرەك يېزىسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئېنىقلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى جەمئىيەتتىن، ھەتتا كۆپ ساندىكى ساقچى خادىملىرىدىنمۇ سىر تۇتۇلماقتا. ساقچى خادىملىرىنىڭ مۇخبىرىمىزغا ئاشكارىلىشىچە، ۋەقەدە گۇما ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غەيرەت مامۇت نەق مەيداندا ئۆلگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان 3 نەپەر ساقچى ئېغىر يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلگەن.

يەنە بىر ساقچى خادىمىنىڭ تولۇقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، ۋەقەدە يارىلانغان 3 ساقچى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن. ھازىرغا قەدەر ساقچى باشلىقى غەيرەت مامۇتتىن باشقا ئۈچ ساقچىنىڭ ئۆلۈپ-ئۆلمىگەنلىكى رەسمىي ھالدا دەلىللەنمىدى.

مەلۇم بولۇشىچە ۋەقە ساقچىلارنىڭ كۆكتېرەك يېزىسىنىڭ 23 ‏-كەنتىدە ئۆي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋېتىپ بىر ھويلىدىكى گەمىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا پارتلاش يۈز بەرگەن. پارتلاشتا ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارنىڭ سانى، كىملىكى ۋە ئاقىۋىتىمۇ ھازىرچە ئايدىڭ ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.