«كانادا تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى» (CTV) تورىنىڭ 2-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كانادانىڭ چەت ئەل ئىشلىرى كومىتېتى خىتاينىڭ كانادا پۇقرالىرىغا بېسىم قىلىش، تەھدىت سېلىش، سايلامغا ئارىلىشىش ئىشلىرىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى بولغان، ئەمما بۇ كومىتېت كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
«كانادا ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» (URAP) دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا، بۇ تەكشۈرۈشكە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە كومىتېت ئەمەلدارى مارىيە ھۇزى خوكنى (Marie-Josee Hogue) «بىزنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنى خەتەرلىك ئەھۋالدا قويىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن.
«كانادا ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» دىرېكتورى مەمەت توختىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كومىتېت ئەمەلدارى مارىيە ھۇزى خوك سابىق لىبىرال پارتىيە ئەزاسى خەن دۇڭ بىلەن ھازىرقى مارھام شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مايكول چېننى مەزكۇر كومىتېتنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ئەزاسى قىلىپ بېكىتكەنلىكى ئۈچۈن، كانادالىق ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا قارشى چىققان ۋە مەزكۇر كومىتېتنىڭ خىتايغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىدىن چېكىنىپ چىققان. ئۇلار خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن ئالاقىسى بولغان ھەر قانداق شەخسنىڭ خىتاينىڭ كانادادىكى قىلمىشلىرىنى تەكشۈرەلىشىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كانادا خەۋپسىزلىك ئىستىخبارات ئىدارىسى (CSIS) سابىق ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى فىل گۇرسكى (Phil Gurski) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ قىلمىشلىرىغا ئائىت كۆپلىگەن ئىسپاتلار مەخپىي قېلىۋاتقان بولۇپ، كانادادىكى مۇھاجىرلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى كانادالىقلارنىڭ خىتاينى چۈشىنىشىگە ئىمكانىيەت ھازىرلاپ بېرىدىكەن. ئەگەر بۇ ئىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ گۇۋاھلىقى بولمىسا، مەزكۇر كومىتېت ھالقىلىق ئىسپاتنى ئالالمىغان بولىدىكەن. نەتىجىدە بۇ كومىتېتنىڭ ئىناۋىتى چۈشۈپ كېتىدىكەن.
ئەمما بەزى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ كانادا پۇقرالىرىغا تەھدىت سېلىشى ھەققىدىكى ئىسپاتلار مۇھىم بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر كومىتېتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى چوڭ بولمايدۇ، دەپ قارىغان.
