ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك، زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە ئىجتىمائىي كونترول» ماۋزۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-10-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

17- ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك، زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە ئىجتىمائىي كونترول» تېمىسىدا بىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىغىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا سېناتور ماركو رۇبىيو، جىم ماكگوۋرىن ۋە جىف ماركلىي قاتارلىق دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرى قاتناشتى. يىغىندا ئادۋوكات نۇرى تۈركەل، تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز، ئىقتىساد ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور مايكىل پوسنېر، كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئەمىي لېھر قاتارلىقلار گۇۋاھلىق بەردى. يىغىندا سۆز قىلغان سېناتور جىم ماكگوۋرىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە يەنە «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە،» دەپ كۆرسەتتى.

مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان «قايتا تەربىيە» لاگېرلىرى، لاگېرلاردا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەر ۋە شۇنداقلا لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ زور كۆلەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى قاتارلىق تېمىلار ئۈستىدە نۇقتىلىق مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن ئادرىيان زېنىز قاتارلىق گۇۋاھچىلار مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان يەنە بىر جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئادرىيان سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ خەلقئارا بازارغا كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن نۆۋەتتە قانۇن بولۇپ ماقۇللىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى» قانۇن لايىھەسىدىن باشقا ئايرىم بىر قانۇن ماقۇللىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىر بېسىم ۋە كونترول ھەمدە بۇ بېسىملار سەۋەب بولۇۋاتقان ئىجتىمائىي ھادىسىلەر ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىغىچە ئوتتۇرىغا قويۇلدى شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلىشقا تېگىشلىك تەدبىرلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت