مايك گاللاگېر: «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ئەۋلادلارنىڭ كۆزىگە قارالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىق، بىز قىلالايدىغان ئەڭ ئەقەللىي ئىشتۇر»

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ «ئامېرىكا ۋە خىتاي كومپارتىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» 23-مارت كۈنى دېموكراتچى ۋە جۇمھۇرىيەتچى كومىتېت ئەزالىرىنىڭ تولۇق ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار خاتىۋاجى ۋە ۋە قەلبىنۇر سىدىقلارنىڭ لاگېردىكى كەچمىشلىرىغا ئائ‍ىت گۇۋاھلىقىنى ئاڭلىدى. شۇنداقلا يەنە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشتا نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدىكى پىكىرىنى ئالدى.

يىغىندا «ئامېرىكا ۋە خىتاي ئىستىراتېگىتيەلىك رىقابەت كومىتېتى» نىڭ رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك گاللاگېر، كىشىلەرنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا كۆز يۇمۇپ، كەلگۈسىدە ئەۋلاتلىرىنىڭ كۆزىگە قارالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

3 سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان گۇۋاھلىق يىغىنى ھازىرغا قەدەر دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەڭ كۆپ پالاتا ئەزاسى قاتناشقان، شۇنداقلا ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدۇر. يىغىندا مايك گالاگېر مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ كومىتېتىمىز قىلالايدىغان ئەڭ ئەقەللى ئىشىمىز، كەلگۈسى 50 يىلدا شىنجاڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى 21-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ رەزىللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ خاتىرىلەنگەندە، ھەرقانداق بىر شىركەت باشقۇرغۇچى، ھەرقانداق بىر سىياسەت بەلگۈلىگۈچى ياكى ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى نەۋرىلىرىنىڭ كۆزىگە قاراپ ‹بىز بىلمەپتۇق› دېمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتۇر.»

بۇ، مايك گاللاگېرنىڭ رەھبەرلىكىدىكى بۇ كومىتېتنىڭ بۇ يىل 1-ئايدا قۇرۇلغاندىن بېرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن 2-قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنىدۇر. «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ناملىق مەزكۇر گۇۋاھلىق يىغىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيە بىلەن غەربكە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئۆتكۈزۈلگەن. مايك گاللاگېرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق يىغىنىنىڭ ئالدىنقى نىشانلىرىنىڭ بىرى «دەرىجىدىن تاشقىرى دۇنياۋىي بىر كۈچنىڭ سادىر قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دىققەت قوزغاش» ئىكەن. خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ليۇ پېڭيۈ، مەزكۇر گۇۋاھلىق يىغىنى توغرىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ: «يامان سىياسىي غەرەزنى چىقىش قىلغان شىنجاڭغا ئالاقىدار توقۇپ چىقىرىلغان يالغانچىلىق» دەپ ئەيىبلىگەن.