ياۋروپا پارلامېنتى قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر «ھالال» ئىچكىي ئەزا سودىسىغا بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.05.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ياۋروپا پارلامېنتى ئۆتكەن ھەپتە جىددىي قارارنامە ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئادەم ئىچكىي ئەزالىرىنى كۆچۈرۈش ۋە يۆتكەپ سېتىش سودىسىنى تەنقىد قىلغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ پارس قولتۇقىدىكى مۇسۇلمان ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئۇيغۇر «ھالال» ئىچكىي ئەزا سودىسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر قارارنامىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارس قولتۇقىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىن ئالغان «ھالال» ئادەم ئىچكىي ئەزالىرىنى سېتىش ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەرگە ئېلان بېرىش مەسىلىسىنى سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلغان.

قارارنامىدە، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى فالۇنگوچىلار بۇ قورقۇنۇچلۇق قىلمىشنىڭ قۇربانى بولۇپ كەلگەنلىكى، ھازىر باشقا مىللەتلەر ۋە دىنىي گۇرۇپىلارنىڭ بۇ قىسمەتكە دۇچار بولۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن. قارارنامىدە يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەر قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق دىيالوگلىرىدا ئىچكىي ئەزا كۆچۈرۈش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى تەلەپ قىلىنغان. ئۇنىڭدا يەنە زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىچكى ئەزا كۆچۈرۈش ساياھىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتىنى قارشى ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ بۇ زىيارەت جەريانىدا خىتايدىكى ئىچكىي ئەزا كۆچۈرۈشنى تەكشۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان.

قارارنامىدە تەلەپ قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر 3-دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، بولۇپمۇ پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، خىتاي ئىچكىي ئەزا كۆچۈرۈش مەركەزلىرىنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئالغان «ھالال ئىچكىي ئەزالىرى» غا ئائىت سودا ئېلانلىرىنى سۆزلىشىشى كېرەك ئىكەن. قارارنامىدە يەنە «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تولۇق ھوقۇقلىق ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ شىنجاڭنى ئوچۇق، توسالغۇسىز ۋە ئەھمىيەتلىك زىيارەت قىلىشىغا ئېچىپ بېرىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىدە ب د ت ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلىش، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى مەجبۇرىي ئىچكىي ئەزا كۆچۈرۈشنى ئاساسلىق مەسىلە قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك،» دېيىلگەن.

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
قىسقا خەۋەرلەر
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.