خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى 20 دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ خاڭجۇدىكى ئۇچرىشىشىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە دىققەتتە بولۇشنى چاقىرغان

سېنتەبىرنىڭ باشلىرىدا خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان 20 دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى چەكمەكتە.

«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا باش شتابى ئامېرىكىدا تەسىس قىلىنغان «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار» تەشكىلاتى 15 - ئاۋغۇست كۈنى «20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى» غا قاتنىشىش ئالدىدا تۇرغان ھەرقايسى دۆلەت باشلىقلىرىغا ئوچۇق خەت يازغان.

ئوچۇق خەتتە ئۇلارنىڭ خىتايدىكى كۈندىن كۈنگە يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىشى تەلەپ قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەزكۇر خەتتە يەنە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ساھەسى بويىچە خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان 709 ئادۋوكاتنىڭ دېلوسى تىلغا ئېلىنغان.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق چاقىرىق خېتىدە يەنە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى قاتارلىق ئەڭ ئەقەللىي ئىنسان ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ئالدىنقى ھەپتىدە خاڭجۇ شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ خاڭجۇدىكى ھەرقايسى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن مېھمانخانىلارغا چۈشۈرگەن بىر ئىچكى ئۇقتۇرۇشى توردا ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنى كۆرگەن ھامان ساقچىغا مەلۇم قىلغۇچىغا 500 سوم مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

گەرچە خاڭجۇ شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرى بۇنداق بىر ئۇقتۇرۇشنى چىقارغانلىقىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مىللىي خورلۇق ۋەقەلىرى ۋە ئۇنىڭغا دائىر ئۇچۇرلار كۈنسايىن كۆپەيمەكتە.