خىتاي دېموكراتچى زات، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ھاررىي ۋۇ ۋاپات بولدى
ئامېرىكىدا 1985-يىلدىن باشلاپ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاتاقلىق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ھاررىي ۋۇ (ۋۇ خۇڭدا) تۈنۈگۈن 26- ئاپرېل ئەتىگەندە 79 يېشىدا ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى ھوندۇراستا تەتىل قىلىۋاتقان چېغىدا ۋاپات بولدى.
1960-يىلى يەنى ياش 23 ۋاقتىدا كوممۇنىزمغا قارشى مەيدانى سەۋەبلىك تۈرمىگە تاشلانغان ھاررىي ۋۇ 1979-يىلى يەنى 18 يىل جازا مۇددىتىنى ئۆتىگەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ۋاشىنگتوندا لوگەي فوندى ناملىق تەشكىلات قۇرۇپ ئاساسلىقى خىتايدىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسىنىڭ قەبىھلىكىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش بىلەن شۇغۇللانغان.
ھاررىي ۋۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بىلەنمۇ ئىزچىل ھەمكارلىقتا بولۇپ كەلگەن خىتاي دېموكىراتچىلىرىدىن بولۇپ، ئۇ پائالىيەتلىرى داۋامىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى قوللاپ كۆپ قېتىم پىكىر ۋە باياناتلارنى بەرگەن. ئۇ بىر قېتىم ئۇيغۇر رايونىدا ۋەزىيەت تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىۋاتقان چېغىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان ھەم ئارقىدىن چېگرادىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ئىدى.