«ھاسىلىق ساقچى» ھەققىدىكى خەۋەر خوشۇت ناھىيىسدىكى ۋەزىيەت جىددىيلىكىنى ئاشكارىلىماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.10.05


بۈگۈن «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىر نەپەر ئىلغار ساقچى خادىمى ھەققىدىكى تەپسىلىي خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوشۇتنىڭ تىۋىلغا يېزىلىق ساقچىخانىسىنىڭ خادىمى گو يىلى بۇ يىل ئىچىدە پەقەت 7 كۈنلا ئۆيىگە قايتقان، قالغان ۋاقىتتا ئۆي تەكشۈرۈش، كوچا چارلاش ۋە ساقچىخانىدا نۆۋەتتە تۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇ بىر قېتىم خىزمەت داۋامىدا پۇتىدىن يارىلانغان. ئەسلىدە جاراھىتىنىڭ تەلتۆكۈس ياخشىلىنىشى ئۈچۈن بىر مەھەل دوختۇرخانىدا يېتىشى كېرەك بولغان بولسىمۇ، ئۇ خىزمەتتىكى جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدىن بالدۇر چىقىپ كەتكەن. ئۇ ئۇزۇن مەزگىل يارىدار ھالەتتە خىزمەت قىلغاچقا، جەمئىيەتتە ھاسىلىق ساقچى دەپ نام ئالغان.

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە گو يىلىنىڭ ئۆيى ساقچىخانىغا يېقىن تۇرۇقلۇق ھەتتا 5 ياشلىق قىزىنىمۇ كۆرۈشكە ۋاقتى چىقمىغانلىقى، ئايالىنىڭ قىزىنى ساقچىخانىغا ئەكىلىپ كۆرۈشتۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان، ئەمما بىر ساقچى خادىمىنى بۇ دەرىجىدە ئالدىراش قىلىۋاتكەن خۇشۇتنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن، ھەتتا ھاسىلىق ساقچى گو يىلىنىڭ يارىلانغان پۇتىنىڭ قايسى ۋەقەدە، قانداق يارىلانغانلىقى ھەققىدىمۇ تەپسىلات بېرىلمىگەن.

رايوندىن رادىيومىزغا كەلگەن غەيرىي رەسمى ئۇچۇرلاردا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى ئاخباراتتىن ئىزچىل ھالدا مەخپىي تۇتۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.