ھاۋا بۇلغىنىشى خىتايدا ئۆلۈم كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق ئامىل ئىكەن
2016.02.12
ئامېرىكىدا ئېچىلغان پەن تەتقىقاتچىلار بىرلىكى يىغىنىدا خىتايدىكى مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا سۆز قىلغان مۇتەخەسسىسلەر دۇنيادا ھەر يىلى 5 يېرىم مىليون ئادەمنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئۆلۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ خىتاي ۋە ھىندىستاندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت پۇقرالىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
كانادانىڭ نوپۇس ۋە ئاممىۋى سەھىيە تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مايكىل براۋر بۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى تەھدىت قىلىۋاتقان ئەڭ زور ئامىل ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ۋاقتىدا تەدبىر ئېلىنمىغان تەقدىردە ئادەم چىقىمىنىڭ يەنىمۇ ئۆرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا 2013- يىلى 1مىليون 600 مىڭ ئادەم ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان.
بېيجىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى ما چياۋنىڭ يىغىندا بەرگەن دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى كۆمۈر گازى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدا 2013- يىلى كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىش سەۋەبىدىن ئۆلگەن ئادەم سانى 366 مىڭ نەپەر ئىكەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بېكىتكەن ھاۋا بۇلغىنىش ئۆلچىمى بويىچە، ھەر كۇبمېتىر ھاۋادىكى زەھەرلىك زەررىچە مىقدارى 25 مىكروگرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، بىراق فېۋرالدا بېيجىڭ ۋە دېھلى شەھەرلىرىنىڭ ھەر كۇبمېتىر ھاۋادىكى بۇلغىنىش دەرىجىسى 300 مىكروگرامدىن ئېشىپ كەتكەن.