ھاۋادىكى بۇلغانغان زەررىچىلەر خوڭكوڭدىكى ياشانغانلارغا ئېغىر تەھدىت سالماقتا ئىكەن

يېڭى ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئۇزۇن مەزگىل ھاۋادىكى بۇلغانغان زەررىچىلەر بىلەن ئۇچرىشىش خوڭكوڭدىكى ياشانغانلارنىڭ ھەر خىل راكلار بىلەن قازا قىلىش خەتىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆپكە ۋە نەپەس يوللىرى راكلىرىدىن باشقا، بۆرەك، جىگەر، ئاشقازان ئۈستى بېزى قاتارلىق راكلارنى خوڭكوڭدىكى ياشانغانلارنىڭ جېنىغا زامىن بولۇۋاتقان كۆپ خىل راكلارنىڭ ئالدىنقى رېتىگە تىزىشقا بولىدىكەن.

تەتقىقات دوكلاتىنى ئەنگلىيەدىكى بېرمىنغام ئۇنىۋېرسىتېتى سەھىيە ئىنستىتۇتى تەييارلىغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، دوكلاتنى تەييارلاشقا قاتناشقان نېيل توماس ھاۋادىكى بۇلغانغان ئۇششاق زەررىچىلەرنىڭ نەپەس ئارقىلىق قانغا ئۆتۈپ، بەدەننىڭ ھەرقانداق يېرىدە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا قىلىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەتقىقاتچىلار يۇقىرىقى نەتىجىگە خوڭكوڭدىكى 65 ياشتىن ئاشقان 66 مىڭ كىشىنى 1998-يىلىدىن، 2001-يىلىغىچە تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارنى 2011-يىلىغىچە كۆزىتىش ئارقىلىق ئېرىشكەن.

ئامېرىكا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە، ھاۋادىكى بۇلغانغان زەررىچىلەر 2.5MP دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر كۇبمېتىر ھاۋادىكى يىللىق نورمال زىچلىقى 12 مىكروگرامدىن ئاشماسلىقى كېرەك ئىكەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇرۇلغانلارنىڭ ھەممىسى ھەر كۇبمېتىر ھاۋادىكى زىچلىقى 34 مىكروگرام بولغان بۇلغانغان ئۇششاق زەررىچە بىلەن ئۇچراشقان كىشىلەر ئىكەن.

يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى يېقىنقى دوكلاتىدا خىتايدىكى مۇھىتى ئەڭ بۇلغانغان 10 شەھەر ئىچىدە 6 سىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، قەشقەر ھاۋاسىدىكى بۇلغانغان ئۇششاق زەررىچىلەرنىڭ دەرىجىسى بەلگىلەنگەن نورمال چەكتىن 27 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇلغىنىشنىڭ يەرلىك خەلقلەرنىڭ سالامەتلىكىگە قانداق ئەكس تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە سىستېمىلىق تەتقىقاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.