خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلقى ھەج تاۋابچىلىرىغا «ئىز قوغلىغۇچ» ئورناتماقچى

ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم بولغان ھەج پائالىيەتلىرى ھەر يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق كونتروللۇقى ئاستىدا تاماملىنىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. يېقىندا بۇ يىلقى ھەج پائالىيىتى ئۈچۈن ھاجىلارغا ئۇلارنىڭ ئېنىق ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان «ئىز قوغلىغۇچ» ئاپپاراتى ئورنىتىلىدىغانلىقى دىققەت قوزغىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 31-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىلقى ھەج تاۋابچىلىرىغا ئالاھىدە لايىھىلەنگەن «ئىز قوغلىغۇچ» ئەسۋابى ئېسىپ قويۇلىدىكەن. ئىككىلىك كود چاپلانغان بۇ ئەسۋابقا شۇ كىشىنىڭ رەسىمى ۋە باشقا تەپسىلىي ئۇچۇرلىرى كىرگۈزۈلگەن ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلقى ھەج پائالىيىتى ئۈچۈن 3300 ھاجىغا مۇشۇ خىلدىكى ئەسۋاب ئېسىپ قويۇلىدىكەن. ئەمما خەۋەردە بۇ كىشىلەرنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ئېيتىلمىغان. خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىدىن بىرەيلەن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ يېڭى ئەسۋاب ھاجىلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم. چۈنكى بىز بۇ ئارقىلىق ھاجىلىرىمىزنىڭ كونكرېت ئورنىنى ھەرقاچان بىلەلەيمىز» دېگەن.

تۈرلۈك ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يىللاردىن بۇيان ھەجگە بارغان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى سەپلەپ قويغان «ئالاھىدە خادىملار» نىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا ھەج پائالىيەتلىرىنى تامام قىلىپ كەلگەن، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ھەج پائالىيىتى جەريانىدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىدە بولۇشى قاتتىق چەكلىنىپ كەلگەن. ئەمدىلىكتە بۇ خىل يېڭى ئۇسۇلنىڭ قوللىنىلىشى بىر قىسىم پائالىيەتچىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئەنگلىيەدىكى كىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئېۋا پىلس بۇ ھەقتە «ۋال-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىگە سۆز قىلىپ: «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى. بۇ ئۇسۇل ئەمەلىيەتتە تۈرمىلەردىكى جىنايەتچىلەرگە قوللىنىلىدۇ» دېگەن. گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىسلەردىن ئادريان زېنز بولسا ھەجگە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ قاتتىق تاللاشتىن ئۆتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەچ: «مۇشۇنداق تۇرۇپمۇ بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشۇ ھاجىلاردىن خاتىرجەم بولالمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن.