خېنەن ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرى ئەيدىز كېسىلى بويىچە تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، غۇلغۇلا قوزغىدى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خېنەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ بەلگىلىمىسى خىتاينىڭ ئەيدىز كېسەللىكىنى تەكشۈرۈش نىزامنامىسىگە خىلاپ ئىكەن.
خېنەن ئۆلكىلىك سەھىيە نازارىتى ۋە مائارىپ نازارىتى بۇ يىل مايدا بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئەيدىز كېسىلى بويىچە تەكشۈرۈپ ئېلىپ بېرىشنى ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكومغا كېلىدىغان يېڭى ئوقۇغۇچىلاردىن باشلاشنى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن كېيىن، دائىرىلەر بۇ خىل تەكشۈرۈشنىڭ پەقەت ئىختىيارىي شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، تەكشۈرۈشنى خالىغانلارنىڭ چىقىملىرىنى سەھىيە نازارىتى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش ھادىسىسى بارغانچە كۆپەيمەكتە ئىكەن.
