كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ھىندونېزىيەنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھەركەتكە كېلىشكە چاقىردى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 31-يانۋار كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە نىسبەتەن خۇددىي روھىنگا مەسىلىسىگە ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولغاندەك بىر مەيداندا بولۇشقا چاقىرغان.

بۇ باياناتتا ئېيتىلىشىچە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان بۇ خىل كەڭ كۆلەملىك زىيانكەشلىكى ئامېرىكا ياكى ياۋرۇپادا يۈز بەرگەن بولسا، ھىندونېزىيەدە كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ۋە نامايىشلار پارتلاپ چىقىدىكەن. ئەمما ھىندونېزىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئىنكاسى ئىنتايىن سۇس ۋە پاسسىپ ھالەتتە ئىكەن.

بۇ باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، ھىندونېزىيە روھىنگا كرىزىسىدا ناھايىتى ئىجابىي رول ئۇينىغان بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنى توسۇشتىمۇ ئوخشاش رول ئوينالايدىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ھىندونېزىيە ئۆلىمالار كېڭىشىگە تەۋە ناھدلاتۇل ئۇلىمالىرى ۋە مۇھەممەدىيە مەزھىپىنىڭ دىنىي رەھبەرلىرىنى تەشكىللەپ خىتايدىكى لاگېرلارنى زىيارەت قىلدۇرغاندىن كېيىن، ھىندونېزىيەنىڭ مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولغان. ئۇلار غەرب مەتبۇئاتلىرىنى «خاتا مەلۇمات بەرگەن» دەپ ئەيىىبلەپ، خىتايغا چاپان يېپىشقا باشلىغان.

شۇنداق بولسىمۇ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ۋە دىنىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ب د ت دا كۆتۈرۈپ چىقىپ، خىتايدىن لاگېرلارغا سولانغان ئۇيغۇر دىنىي ئالىملىرى ۋە ئەربابلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى. باياناتتا يەنە ھىندونېزىيە چوقۇم مالايسىياغا ئوخشاش مۇسۇلمان دۆلەتلەر ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشنىڭ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.