تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيەسى ئىشلىگەن «ھەقىقىي مۇھەببەت» ناملىق فىلىم خىتايدا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنماقتىكەن
2016.07.04
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيەسى ئىشلىگەن «ھەقىقىي مۇھەببەت» ناملىق فىلىم يېقىندا خىتاي بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 16-نۆۋەتلىك فىلىم فېستىۋالىدا «يېزا تېمىسىدىكى مۇنەۋۋەر فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
مەزكۇر فىلىم نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدە، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» بويىچە سىياسىي تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشتىكى بىر ۋاسىتە سۈپىتىدە بازارغا سېلىنماقتىكەن.
فىلىمدىكى باش قەھرىمان ھەنىپە ئالىمئاخۇن ئالتاي شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئانا بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللار مابەينىدە 6 مىللەتتىن بولغان 19 يېتىم بالىنى بېقىپ چوڭ قىلغانلىقىدەك ۋەقەلىك ھېكايە قىلىنغان.
ھەنىپە ئالىمئاخۇننىڭ ئىش-ئىزلىرى ئەينى چاغدا خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ توختاۋسىز خەۋەرلىرى ئارقىلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا قىزىق تېمىغا ئايلاندۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن خىتايدىكى «مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى»، «جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخسنىڭ بىرى» بولۇپ كۆرسىتىلگەن.
ھالبۇكى، ھەنىپە ئالىمئاخۇن بۇنىڭدىن بىرقانچە ئاي بۇرۇن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ بىر ئانا شۇنداقلا ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن يېتىم-يېسىر بالىلارنى باققانلىقىنى، بۇ ئىشتا قانداقتۇر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» ياكى باشقا سىياسىي مەقسەتلەرنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.









