خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ «باش قوماندانى» دەپ نامى بېرىلگەن

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا يېڭىدىن يەنە بىر ھەربىي نام، يەنى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى نامى بېرىلگەن.


خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا يېڭىدىن يەنە بىر ھەربىي نام، يەنى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى نامى بېرىلگەن.

BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ، شىنىڭ خىتاي ئارمىيەسىنى تولۇق چاڭگىلىغا كىرگۈزگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

شى جىنپىڭ خىتاي رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەندىلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى بولغان بولۇپ، كېيىن ئۇنىڭغا خىتاي مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسى ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئارمىيەسى خىتاي مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولسىمۇ، شى جىنپىڭغا يەنە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ «باش قوماندانى» لىق ۋەزىپىسىنى بېرىش، ئۇنى «خىتاينى مۇتلەق كونتروللۇق ئاستىغا ئالدى» دەپ كۆرسىتىدىغان تەشۋىقات خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شىغا يۇقىرىدا بېرىلگەن نام نۆۋەتتە پەقەت خىتاي ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى شىنخۇا ئاخباراتىدىلا تىلغان ئېلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ چارشەنبە كۈنى خىتايدا يېڭى قۇرۇلغان بىرلەشمە مەركىزىي قوماندانلىق شتابىنى زىيارەت قىلىپ: «ئۇرۇش قوماندانلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىستراتېگىيەلىك، بىر - بىرىگە ماسلاشقان، توغرا ۋە ئېنىق بولۇشى كېرەك» لىكىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ھەرقايسى قىسىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قوماندانلىق شتابى يوق بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى ئۆتكەن يىلى نويابىردا بىر بىرلەشمە قوماندانلىق شتابى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ يىل يانۋاردا مەزكۇر قوماندانلىق شتابىنىڭ ئاساسى سېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org