ھەربىيدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئەرز قىلىپ بېيجىڭغا بېرىشى چەكلەندى
2016.11.01
خىتايدىكى ئاممىۋى تەشكىلات «پۇقرالار ھوقۇقى كۆزىتىش ئىشخانىسى» نىڭ 1-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، پۈتۈن خىتاي دۆلىتىدىكى ھەربىي سەپتىن چېكىندۈرۈلگەن كونا ئەسكەرلەرنىڭ قايتىدىن بېيجىڭغا كېلىپ ئەرز قىلىش دولقۇنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، جايلاردا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرگە قارىتىلغان نازارەت كۈچەيتىلگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، كونا ئەسكەرلەر ئارىسىدا ئاشكارىلانغان جايلاردا مۇقىملىقنى ساقلاش ھەققىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇشتا، ئىلگىرى ۋىيېتنام ئۇرۇشىغا قاتناشقان كونا ئەسكەرلەر، ئاتوم سىنىقى قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان ئەسكەرلەر، ھەربىي خىزمەت ئۆتەش جەريانىدا يارىلانغان مەجرۇھ ئەسكەرلەر، قوشۇننى قىسقارتىش ئېھتىياجى بىلەن ھەربىي ساھەدىكى مەمۇرىي ئورگانلاردىن قىسقارتىلغان خىزمەتچىلەر، ھەربىي سەپتىن مەجبۇرىي چېكىندۈرۈلگەن ئەسكەرلەر، ھەربىي قوماندانلار قاتارلىق 7 خىل سەۋەبتىن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ 10-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە كوللېكتىپ ھالدا بېيجىڭ شەھىرىگە كېلىپ ئەرز قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكىتلەنگەن.