«تاماشىبىن» تور ژۇرنىلى: «خىتاي جەمئىيىتى تېز سۈرئەتتە ھەربىيلەشمەكتە!»

ئەنگىلىيەدىكى «تاماشىبىن» ناملىق تور ژۇرنىلى 12-ماي كۈنى ئېلان قىلغان بىر ماقالىدا، خىتاينىڭ تېز سۈرئەتتە ھەربىيلىشىشكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەنگىلىيەلىك ژۇرنالىست، «ئەجدىھا ئوتى: خىتاينىڭ يېڭى سوغۇق ئۇرۇشى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى ئىيان ۋىلياماس ئىمزاسىدىكى ماقالىدا قەيت قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭ غەربكە قارشى ئۇرۇشۋازلىق چاقىرىقلىرىنى كۈچەيتكەن، بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە «مەپتۇن» بولغان ھالدا ئىش كۆرۈپ، خىتاي مالىيە سىستېمىسىنى ساغلاملاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى ھەربىيلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل تېز سۈرئەتتىكى ھەربىيلىشىشنىڭ كىمنى نىشان قىلغانلىقى سوئال پەيدا قىلماقتا ئىكەن.

ماقالىدا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ «يېڭى دەۋرىدىكى ئىلغار دۆلەت مۇداپىئە» تەشۋىقاتىنى كەڭ خەۋەر قىلىۋاتقانلىقى، شۇ ئارقىلىق مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا «ئىنتىزامچانلىق»، «جاپالىق ئىشلەش ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ‍ئۇرغۇتۇش» تەربىيەسىنى سىڭدۈرۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ئەمما بۇنىڭ ئارقىسىدا ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان خىتاي جەمئىيىتىنى ھەربىيلەشتۈرۈشكە ئېلىپ ماڭغان بىر قانۇننىڭ ياتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى يېقىندا خىتاينىڭ «دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ھەربىي مەشىقنى 12 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا كېڭەيتكەن. ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، رەسمىيەت خاراكتېرلىك ھەربىي مەشىق خىتايدىكى مەكتەپ ۋە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا بىنورمال ئەھۋال بولمىسىمۇ، بىراق ھازىر بۇ خىل ھەربىي مەشىق ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار تەرىپىدىن ئانچە قارشى ئېلىنماي كەلمەكتە ئىكەن.

ماقالىدا «دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى قانۇنى» غا خىتايدا بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە بولغان «مەپتۇنلۇق» خىزمەت ئورۇنلىرىغا ھەم مەھەللىلەرگە كېڭەيگەن بىر ۋاقىتتا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەنلىكى، شى جىنپىڭ غەربكە قارشى ئۇرۇش چاقىرىقلاردا بولۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئىچكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگىمۇ مەپتۇن بولۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. ماقالىدا قەيت قىلىنىشىچە، «مەلۇم نۇقتىدىن ھازىر شى جىنپىڭغا ھەممە تەرەپنىڭ دۈشمەن كۆرۈنۈۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ گۇمانخورلۇق كېسىلى ماۋ زېدوڭ دەۋرىنىڭ زۇلمەتلىك كۈنلىرىدىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە مەكتەپ ۋە زاۋۇتلارغا كېڭەيگەنلىكى ئېنىق» ئىكەن.