جوۋ بايدېن قاتارلىق غەرب ئەللىرى رەھبەرلىرى روزا ھېيتلىق تىلەكلىرىنى بىلدۈردى

4-ئاينىڭ 21-كۈنى روزا ھېيت، يەنى رامىزان بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ۋە ئەنگىلىيە، گېرمانىيە رەھبەرلىرى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇ قۇتلۇق بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پرېزىدېنت جوۋ بايدىن تىۋېتتىر ھېسابىغا يوللىغان تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «رامىزان ئايىنىڭ ئاخىرلىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن، مەن ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنيادا بۇ بايرامنى تەبرىكلەيدىغان مۇسۇلمانلارغا قىزغىن سالام يوللايمەن. سىلەرگە قېرىنداشلىق ۋە مۇھەببەتكە تولغان بايرام شادلىقى تىلەيمەن».

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ تىۋېتتېر ھېسابىدا: «رامىزان ئايىنىڭ ئاخىرلىشىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، بىز روزا ھېيتنى تەبرىكلەيدىغان بارلىق كىشىلەرگە قىزغىن سالامىمىزنى يوللايمىز. بايرىمىڭلار شادلىق تىنچلىق، بەخت ۋە ساغلاملىققا تولسۇن» دېيىلگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى ئانتونى بىلىنكىن ئايرىم تەبرىك يوللاپ: «مەن پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ھېيتنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىنى تىلەيمەن. بۇ ئالاھىدە كۈن سىلەرگە تىنچلىق، خۇشاللىق ۋە گۈللىنىش ئېلىپ كەلگۈسى» دېگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئەنگىلىيە باش مىنسىتىرى ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرىمۇ روزا ھېيتلىق تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن. گېرمانىيە باش مىنىستىېرى ئولاف شۇلتىز تىۋىت يوللاپ: «بۈگۈن رامىزان ئايى ئاخىرلىشىدۇ. مەن بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ھېيتنى خۇشال ۋە خەيرلىك ئۆتكۈزۈشىنى تىلەيمەن» دېگەن.

يىللاردىن بۇيان غەرب ئەللىرى رەھبەرلىرى ئۆز دۆلىتىدە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، شۇ قاتاردا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىگە بولغان گۈزەل تىلەكلىرىنى ئىپادىلىگەن.