باڭلادىش تاراتقۇلىرى «ھېيتگاھ جامەسى» نىڭ ئىمامى مەمەت جۈمەنىڭ «جازا لاگېرلىرى» نى ئىنكار قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىغا قارىتا بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى باشلىغان باڭلادىش مۇخبىرلار ئۆمىكىنىڭ رايوندىكى پائالىيىتى، باڭلادىش تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىنغان. «باڭلادىش بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» نىڭ 23-ئىيۇل بەرگەن مەخسۇس خەۋىرىدە، ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى مەمەت جۈمەنىڭ مۇخبىرلارغا ئۇيغۇر رايونىدا «جازا لاگېرلىرى» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغانلىقى، ئۇنىڭ «جازا لاگېرى بار دېيىش يالغانچىلىق» دېگەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. «باڭلادىش بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» نىڭ مۇخبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون كىشىلىك مۇخبىرلار ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان بىر ھەپتىلىك زىيارىتى 20-ئىيۇل باشلانغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ زىيارەتنىڭ 26-ئىيۇلغا قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقى، زىيارەتچىلەرنىڭ ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

بۇ زىيارەت، ئۆتكەن ھەپتە بىر قىسىم باڭلادىشلىق دىنىي ئۆلىمالار باڭلادىشنىڭ كوكس بازار شەھىرىدە يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى توختىتشىنى، ب د ت نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا قارىتا تېخىمۇ كەسكىن جازالاش تەدبىرلىرىنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 24-ئىيۇل بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، «باڭلادىش بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» نىڭ مۇخبىرى موينۇددىننىڭ «شىنجاڭ مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىن بەك پەرقلىق ئىكەن. شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ھازىر پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. مەن كامېرايىم ئارقىلىق ھەقىقىي شىنجاڭنى نامايان قىلىمەن» دېگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ھالبۇكى، موينۇددىننىڭ «باڭلادىش بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» غا بەرگەن خەۋىرىدە، ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى مەمەت جۈمەنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەمەت جۈمە باڭلادىش مۇخبىرلىرىغا «بىز ھەر قانداق بىر جازا لاگېرىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيمىز. بۇ پەقەت بىر يالغانچىلىق» ، «بۇنداق ئاساسسىز سۆز-چۆچەك ۋە تەشۋىقاتلارنىڭ ئارقىسىدا يامان غەرەز بار» دېگەن. چەت ئەل تەتقىقات ئورۇنلىرى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق رايوندىكى 300 دىن ئارتۇق جازا لاگېرىنىڭ ئورنىنى بېكىتىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە.