ھىندونېزىيە قولغا ئېلىنغان تۆت ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016.04.22

ب ب س نىڭ 22-ئاپرېلدىكى خىتايچە خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى «تېررورچى تەشكىلات بىلەن ئالاقىسى بار» دەپ قولغا ئالغان تۆت ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى قولغا ئالغان ھىندونېزىيەلىك بىر جىنايەت گۇماندارىنى بۇ تۆت ئۇيغۇر تۇتقۇن بىلەن ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سامادىكۇن ئىسىملىك بۇ ھىندونېزىيەلىك 2003-يىلى خىيانەتچىلىك قىلمىشى پاش بولۇپ قالغاندىن كېيىن چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن ۋە ئۆتكەن ھەپتە شاڭخەيدە تۇتۇلۇپ قالغان ئىكەن.

ھىندونېزىيە تەرەپ ب ب س نىڭ مۇخبىرىغا ھىندونېزىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا مەھبۇس ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى يوقلۇقىنى، يەنە كېلىپ بۇ كىشىلەرنىڭ دېلوسى ئوخشاش بولمىغان كاتېگورىيىگە مەنسۇپلۇقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تەرەپ سامادىكۇننى ھىندونېزىيگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ماقۇل بولغان. بۇنىڭ بەدىلىگە ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ھىندونېزىيە تۈرمىسىگە بېرىپ بۇ تۆت ئۇيغۇرنى سوراق قىلىشىغا ئىجازەت بەرگەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ھىندونېزىيە ئەمەلدارى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرلىرىغا بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مەلۇمات بېرىپ، بۇ تۆت ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۇلارنىڭ ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇش ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنگە باراۋەر. ئۇلار خىتايغا ئېلىپ بېرىلسا شۇ زاماتلا ئېتىپ تاشلىنىدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.