ھىندونېزىيەدە ئۇيغۇرلار يەنە بىر قېتىم تېررورلۇققا باغلاندى

ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بولغان «ئاۋسترالىيەلىكلەر» گېزىتى چارشەنبە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، سىنگاپوردىكى راكېتا ھۇجۇمىنى تەشكىللىگەن ھىندونېزىيە تېررورچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەنلىكىنى ئالغا سۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، تېررور گۇماندارى دەپ قارىلىۋاتقان خۇتاجۇلۇ ئىسىملىك ھىندونېزىيە پۇقراسى شەنبە كۈنى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن بۇ خەۋەر گېزىتلەردىن يەر ئالغان.

ھىندونېزىيە ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئىشسىز ياش خىتايدىن قاچقان ئۇيغۇر پۇقرالىرىنى چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكۈزۈش ھەمدە چېگرادىن ئۆتكەندىن كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغانلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇ ئەزا بولغان «كىتاب گوڭگوڭ رېبۇس» (ك گ ر ) تەشكىلاتىغا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» (ش ت ئى ت) تەشكىلاتى كۆپ قېتىم ھەرىكەت خىراجىتى ئۈچۈن پۇل ئەۋەتكەن ئىكەن. ھىندونېزىيە باش ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ئاگۇس ريانتو بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «بىز ئەۋەتىلگەن خىراجەتنىڭ مىقدارى ھەمدە چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدە جىددىي ئۇچۇر توپلاۋاتىمىز» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە،«ئۇيغۇر تېررورلۇق تەشكىلاتى» نىڭ قاچاندىن باشلاپ بۇ خىلدىكى خىراجەتلەرنى ئەۋەتىشكە باشلىغانلىقى نامەلۇم ئىكەن. ئەمما ھىندونېزىيەدە نەشر قىلىنىدىغان «جاكارتا پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، بەھرۇن نەيىم ئىسىملىك يەنە بىر ھىندونېزىيە پۇقراسىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان پۇل ئەۋەتىش ھەرىكىتىگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ تەپسىلاتى يەر ئالغان.