ھىندونېزىيەنىڭ ھۆكۈمەت ھامىيلىقىدىكى «ھىندونېزىيە مەسچىتلەر كېڭىشى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ھىندونېزىيە «ASFA فوندى» نىڭ باشلىقى سيافرۇددىن كامبو باشچىلىقىدىكى بىر ھىندونېزىيە دىنىي ئۆلىمالار ئۆمىكى ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغان. بۇ ھىندونېزىيە دىنىي ئۆلىمالىرىنىڭ بۇ يىل 8-ئايدىن بېرى 2-قېتىم مەزكۇر رايوندا زىيارەتتە بولۇشىدۇر. بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ يىل 8-ئايدا، ھىندونېزىيەدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت-ئىستىقلال مەسچىتىنىڭ ئىمامى ناسسارۇددىن ئۆمەرنىڭ باشچىلىقىدىكى بىر دىنىي ئۆلىمالار ئۆمىكى زىيارەتتە بولغانىدى.
بۇ، خىتاينىڭ دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ مۇسۇلمان دۆلىتى بولغان ھىندونېزىيەگە قارىتا ئۇيغۇر رايونىغا ئالاقىدار تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى، دەپ قارالماقتا. خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق تاراتقۇلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى جاڭ چۈنلىن 19-ئۆكتەبىر كۈنى سيافرۇددىن كامبو باشچىلىقىدىكى دىنىي ئۆلىمالار ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەن.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، دىنىي ئۆلىمالار ئۆمىكىنىڭ جاڭ چۈنلىنغا «بۇ قېتىم خىتاينىڭ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق كۆرگەن زور تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يۈزىدىكى خۇشاللىق كۈلكىلىرى كىشىگە چوڭقۇر تەسىر قىلدى. شىنجاڭدىكى ئاتالمىش ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› باشتىن-ئاخىر يالغانچىلىق» دېگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن ھىندونېزىيەدىكى «رېپوبلىكا» ( جۇمھۇرىيەت) گېزىتىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدە، دىنىي ئۆلىمالارنىڭ «شىنجاڭدىكى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› باشتىن-ئاخىر يالغانچىلىق» دېگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. خەۋەردە، سيافرۇددىننىڭ 19-ئۆكتەبىر جاڭ چۈنلىن ۋە «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى» نىڭ مۇدىرى ئابدۇرەقىپ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، «مەزكۇر رايون بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش ئۈستىدە ئىزدىنىدىغانلىقى» نى ئېيتقانلىقى تەكىتلەنگەن. «رېپوبلىكا» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، سيافرۇددىن كامبو، «شىنجاڭ بىلەن بولغان ئىزچىل ھەمكارلىق ساھەسىنىڭ مائارىپتىن سىرت، ئادەم بايلىقى ۋە تېخنىكا ساھەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ۋە گېئولوگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقتىن باشقا، ئىسلام مائارىپى جەھەتتىكى ھەمكارلىقمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىشقا بولىدىغان ساھەلەرنىڭ بىرى» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ھىندونېزىيە دىنىي ئۆلىمالىرىنىڭ زىيارىتى 18-ئۆكتەبىر غەرب ئەللىرىنى ئاساس قىلغان 51 دۆلەت ب د ت دا ئورتاق بايانات ئىمزالاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىد قىلغان، بىراق ئۇنىڭغا ھىندونېزىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئىمزا قويمىغان بىر پەيتتە ئېلىپ بېرىلغان.
