ھىندونېزىيە ى يەنە 4 ئۇيغۇرنى جىددىي تۇتۇش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى
2016.03.20
ھىندونېزىيە دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى يەنە 4 ئۇيغۇرنى جىددىي تۇتۇش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى ئىككى ئۇيغۇر گۇماندارنى ھىندونېزىيەنىڭ مەركىزىي سۇلاۋېسى ئۆلكىسىدە «ئابۇ ۋارداھ سانتوس» جىھادى گۇرۇپپىسىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت جەريانىدا ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
«دىپلومات گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچى دائىرىلىرى سۇلاۋېسى ئۆلكىسىدىكى جىھادىي گۇرۇپپىلارغا قاتنىشى ئۈچۈن ھىندونېزىيەگە كىرگەن ئۇيغۇرلار سانىنىڭ جەمئىي 6 نەپەر ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئىككىسى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، يەنە تۆتىنىڭ قېچىپ يۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.
پەيشەنبە كۈنى سۇلاۋېسى ئۆلكىسى ساقچى باشلىقى رۇدىي سۇفارىئادىنىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇيغۇرلار تايلاند ئارقىلىق مالايسىياغا، مالايسىيا ئارقىلىق ھىندونېزىيەنىڭ جاۋا ئارىلىغا كىرگەن ئىكەن.
مەركىزى سۇلاۋېسى ئۆلكىسىنىڭ ساقچى دائىرىلىرى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى گۇماندارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىگەن.
مەزكۇر خەۋەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇرغان ۋە ھىندونېزىيە دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار دېلولاردا ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشقا چاقىرىغان.
ھىندونېزىيە دائىرىلىرى 2014 - يىلى سېنتەبىردە ھىندونېزىيەنىڭ مەركىزى سۇلاۋېسى ئۆلكىسىدە 4 ئۇيغۇرنى قولغا ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. بۇلاردىن ئۈچەيلەن 2015 - يىل 13 - ئىيۇل سوتقا تارتىلغان ۋە 6 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.









