ھىندونېزىيە خىتاي بېلىقچى كېمىلىرىنىڭ ھىندونېزىيە تەۋەلىكىدە بېلىق تۇتقانلىقىنى ئەيىبلىدى
2016.03.21
ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى 21 - مارت بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندونېزىيىنىڭ ناتۇنا دېڭىزى تەۋەلىكىدە بېلىق تۇتۇشقا كىرگەن خىتاي بېلىقچىلىرىنى ھىندونېزىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئاگاھلاندۇرغان ۋاقىتتا خىتاينىڭ دېڭىز مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ ھىندونېزىيە خەۋپسىزلىك ئەترىتىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ھىندونېزىيە ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ھىندونېزىيە خەۋپسىزلىك ئەترىدىگە قىلغان توسقۇنلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاينىڭ جاكارتادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغان. خىتاي باش ئەلچىسىدىن ۋەقەگە ئىزاھات بېرىش تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېتنو مارسۇدى بايانات بېرىپ، «خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرىغا بولغان نارازىلىقىمىزنى ئەڭ قاتتىق شەكىلدە ئىپادىلىدۇق. بۇ نارازىلىقىمىز خىتايغا ئوخشاش ھەقلىرىمىزگە دەخلى قىلغان بارلىق كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بارلىق دۆلەتلەرگە ئوخشاش خىتايمۇ خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشى كېرەك. دېڭىز چېگرامىزغا دەخلى قىلغۇچىلار بىلەن قىلىدىغان كۈرىشىمىز داۋاملىشىدۇ» دېگەن.
ئۆتكەن ھەپتە ئارگېنتىنا دېڭىز تەۋەلىكىدە بېلىق تۇتقان بىر خىتاي بېلىقچى كېمىسى ئارگېنتىنا دېڭىز ئەترىتىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پەرۋا قىلماي داۋاملىق ئارگېنتىنا دېڭىز تەۋەلىكىگە ئىچكىرىلەپ كىرگەنلىكى ۋە ئارگېنتىنا دېڭىز مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ پاراخودىنى سوقۇشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن، ئارگېنتىنا دېڭىز ئارمىيىسى تەرىپىدىن چۆكتۈرۈۋېتىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.