ھىندىستان دولقۇن ئەيسا بىلەن بىرگە يەنە ئىككى خىتاي ئۆكتىچىنىڭ ۋىزىسىنى بىكار قىلغان

ھىندىستان ھۆكۈمىتى دارامسالادىكى مىللەتلەر ۋە دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ئۆز - ئارا دىئالوگىغا تەكلىپ قىلىنغان ئىككى خىتاي ئۆكتىچىنىڭ ۋىزىسىنى بىكار قىلغان. ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئىلگىرى د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسانىڭ ۋىزىسىنى بىكار قىلىپ، زور غولغۇلا قوزغىغان ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دولقۇن ئەيسانىڭ ۋىزىسى بىكار قىلىنىش ۋەقەسىدە ئۆزلىرىنىڭ ھىندىستانغا بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. «ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئۆكتىچى لۇ جىڭخۇا بىلەن رېي ۋاڭ ئىسىملىك خوڭكوڭلۇق ئۆكتىچىنىڭ ۋىزىسىنى بىكار قىلغان.

لۇ جىڭخۇا 25 - ئاپرېل نيۇ - يوركتىكى كېنىدىي خەلقئارا ئايرودرومىدا ئايروپىلانغا چىقىرىلمىغان. ئۇ شۇنىڭغا قەدەر ۋىزىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. خەۋەرلەردە، رېي ۋاڭنىڭ شۇ كۈنى ئوخشاشلا ئايروپىلانغا چىقىرىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لۇ جىڭخۇا 1989 - يىلدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە نامى چىققان ئۆكتىچىلەرنىڭ بىرى. خىتاي ھۆكۈمىتى لۇ جىڭخۇانى «جىنايەتچىلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ قويغان. لۇ جىڭخۇا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن باياناتىدا، ھىندىستاننىڭ ھەرىكىتىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى، بۇنىڭغا خىتاينىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى لۇ جىڭخۇانىڭ ساياھەت ماتېرىياللىرى «تولۇق ئەمەس»، «تەلەپكە توشمايدۇ» دېگەن بولسىمۇ، ئەمما بىر ھىندىستان ئەمەلدارى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ ھىندىستاننى زىيارەت قىلىپ، «خىتايغا قارشى تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللىنىشى»، يېڭى دېھلىنىڭ بېيجىڭغا قاراتقان سىياسىتىگە توغرا كەلمەيدۇ، دېگەن.